رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

260. باب يالغانچىلىقنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ﴾ بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى، بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە) . («قۇرئان كەرىم» سۈرە سۈرە ئىسرا 36- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿مَا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ﴾ ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۆزىتىپ تۇرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە قاف 18- ئايەت)

1542. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنًَّ الصِّدْقَ يهْدِي إلى الْبِرِّ وَإنَّ البرِّ يهْدِي إلى الجنَّةِ، وإنَّ الرَّجُل ليَصْدُقُ حتَّى يُكتَبَ عِنْدَ اللَّهِ صِدّيقاً، وإنَّ الْكَذِبَ يَهْدِي إلى الفُجُورِ وإنَّ الفُجُورًَ يهْدِي إلى النارِ، وإن الرجلَ ليكذبَ حَتى يُكْتبَ عنْدَ اللَّهِ كَذَّاباً » « راستچىللىق كىشىنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ. ياخشىلىق كىشىنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ. كىشى ھەقىقەتەن راست سۆزلەۋەرسە بارا-بارا راستچىللار قاتارىغا ئۆتىدۇ. يالغانچىلىق كىشىنى گۇناھقا يېتەكلەيدۇ. گۇناھ كىشىنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. كىشى ھەقىقەتەن يالغان سۆزلەۋەرسە، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ‹كاززاپ›، دەپ يېزىلىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) راستچىل بولۇشقا ۋە راستچىللىققا كۆڭۈل بۆلۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، داۋاملىق راستچىل بولغان كىشى راستچىللىقى بىلەن تونۇلىدۇ.

2) يالغانچىلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سەل قاراشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. يالغانچىلىق ئەڭ زىيانلىق ئىش، ئەمما، راستچىللىق بولسا ئەڭ پايدىلىق ئىش.

3) راستچىللىق كىشىنى جاپا-مۇشەققەتلەر ئالدىدا قەيسەر بولۇشقا ئۈندەيدۇ. يالغانچىلىق بولسا، شۇ كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قورقىدىغانلىقى ۋە ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

4) بىرەر ئىشقا ئادەتلىنىپ، شۇنىڭغا بېرىلگەندە بۇ ئىش شۇ كىشىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، شۇ خىسلەت بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا تونۇلىدىغانلىقى.

1543. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَرْبعٌ منْ كُنَّ فِيهِ، كان مُنافِقاً خالِصاً، ومنْ كَانتْ فيهِ خَصْلَةٌ مِنْهُنَّ، كَانتْ فِيهِ خَصْلةٌ مِنْ نِفاقٍ حتَّى يَدعَهَا: إذا اؤتُمِنَ خَانَ، وَإذا حدَّثَ كَذَبَ، وإذا عاهَدَ غَدَرَ، وإذا خَاصمَ فجَرَ » « مۇنداق تۆت خۇسۇسىيەت بار، كىمدە مۇشۇ تۆت خۇسۇسىيەت بولىدىكەن، ئۇنى تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقتىن بىر خۇسۇسىيەت بولغان بولىدۇ. بۇ تۆت خۇسۇسىيەت: ‹يالغان سۆزلىمەك، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلماق، قىلغان توختامنى بۇزماق، جېدەللەشكەندە ئېغىزىنى بۇزماق » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يۇقىرىقى ناچار خۇسۇسىيەتلەردىن يىراق بولۇش، چۈنكى ئۇ خۇسۇسيەتلەر مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكى.

2) يۇقىرىقى تۆت خۇسۇسىيەتنىڭ ھەممىسى بىرەر كىشىدە تەڭ تېپىلسا، ئۇ كىشىنىڭ كەم-كۈتسىز مۇناپىق بولىدىغانلىقى.

1544. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ تَحَلَّمَ بِحُلْمٍ لمْ يرَهُ، كُلِّفَ أنْ يَعْقِدَ بيْن شَعِيرتينِ، ولَنْ يفْعَلَ، ومِنِ اسْتَمَع إلى حديثِ قَوْم وهُمْ لهُ كارِهُونَ، صُبَّ في أُذُنَيْهِ الآنُكُ يَوْمَ القِيامَةِ، ومَنْ صوَّر صُورةً، عُذِّبَ وَكُلِّفَ أنْ ينفُخَ فيها الرُّوحَ وَليْس بِنافخٍ » « كىمكى كۆرمىگەن چۈشنى يالغاندىن كۆردۈم دېسە، ئۇ قىيامەت كۈنى ئىككى تال ئارپىنى بىر-بىرىگە جۈپلەپ چىگىشكە مەجبۇر قىلىنىدۇ. ئۇ ئۇنى ھەرگىزمۇ چىگەلمەيدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ ئاڭلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ياكى ئۆزى قاچىدىغان خەلقنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا قوغۇشۇن قۇيۇلىدۇ. كىمكى جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئازابقا قالىدۇ. ئۇنىڭغا جان كىرگۈزۈشكە زورلىنىدۇ. ئۇنىڭغا جان كىرگۈزەلمەيدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كۆرمىگەن چۈشنى كۆردۈم دەپ يالغان سۆزلىگەن كىشىلەرگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالاغا ۋە كىشىلەرگە يالغان ئېيتقانلىق بولىدۇ.

2) تىڭ-تىڭلاش ۋە باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

3) ھەر ئادەمنىڭ ئەمىلىگە يارىشا ساۋاب ياكى جازا بېرىلىدىغانلىقى.

4) رەسساملارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. چۈنكى، ئۇلار ياراتقۇچى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى تالاشماقچى بولغان.

1545. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أفْرَى الفِرَى أنْ يُرِيَ الرجُلُ عيْنَيْهِ ما لَمْ تَرَيا » « كۆز كۆرمىگەننى كۆردۈم دېيىش ئەڭ چوڭ يالغانچىلىقتۇر » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە ئويغاق چېغى توغرۇلۇق بولسۇن ياكى چۈشى توغرۇلۇق بولسۇن يالغاننى توقۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

1546. سەمۇرە ئىبن جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: « هَلْ رَأَى أحدٌّ مِنكُمْ مِن رؤيا؟ » « سىلەردىن چۈش كۆرگەن ئادەم بارمۇ؟»، دەپ كۆپ ئېيتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا خالىغان ئادەملەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشلىرىنى بايان قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتىگەندە بىزگە مۇنداق دەپ بەرگەن: « إنَّهُ أتَاني اللَّيْلَةَ آتيانِ، وإنَّهُما قالا لي: انطَلقْ، وإنِّي انْطلَقْتُ معهُما، وإنَّا أتَيْنَا عَلى رجُلٍ مُضْطَجِعٌ، وإِذَا آَخَرُ قَائِمٌ عَلَيْهِ بِصَخْرَةٍ، وإِذَا هُوَ يَهْوي بالصَّخْرَةِ لِرَأْسِهِ، فَيثْلَغُ رَأْسهُ، فَيَتَدَهْدهُُ الحَجَرُ هَاهُنَا . فيتبعُ الحَجَرَ فيأْخُـذُهُ، فلا يَرجِعُ إلَيْه حَتَّى يَصِحَّ رَأْسُهُ كما كان، ثُمَّ يَعُودُ عَلَيْهِ، فَيفْعلُ بهِ مِثْلَ ما فَعَل المَرَّةَ الأولى، » قال: قلتُ لهما: سُبْحانَ اللَّهِ، ما هذانِ؟ قالا لي: انْطَلِقْ انْطَلِقْ، فانْطَلَقْنا. فأَتيْنَا عَلى رَجُل مُسْتَلْقٍ لقَفَاه وَإذا آخَرُ قائمٌ عليهِ بكَلُّوبٍ مِنْ حَديدٍ، وإذا هُوَ يَأْتى أحَد شِقَّيْ وَجْهِهِ فيُشَرْشِرُ شِدْقَهُ إلى قَفاهُ، ومنْخِرهُ إلى قَفَاهُ، وَعينَهُ إلى قَفاهُ، ثُمَّ يتَحوَّل إلى الجانبِ الآخرِ فَيَفْعَل بهِ مثْلَ ما فعلًَ بالجانب الأول، فَما يَفْرُغُ مِنْ ذلكَ الجانب حتَّى يصِحَّ ذلكَ الجانِبُ كما كانَ، ثُمَّ يَعُودُ عليْهِ، فَيَفْعَل مِثْلَ ما فَعلَ في المَرَّةِ الأولى . قال: قلتُ: سُبْحَانَ اللَّه، ما هذان؟ قالا لي: انْطلِقْ انْطَلِقْ، فَانْطَلَقْنَا . فَأتَيْنا عَلى مِثْل التَّنُّورِ فَأَحْسِبُ أنهُ قال: فإذا فيهِ لَغَطٌ، وأصْواتٌ، فَاطَّلَعْنا فيهِ فَإِذَا فِيهِ رجالٌ ونِساء عُرَاةٌ، وإذا هُمْ يأتِيهمْ لَهَبٌ مِنْ أَسْفلِ مِنْهُمْ، فإذا أتَاهُمْ ذلكَ اللَّهَبُ ضَوْضَؤُوا، قلتُ ما هؤلاءِ؟ قالا لي: انْطَلِقْ انْطَلِقْ،فَانْطَلقْنَا. فَأَتيْنَا على نهرٍ حسِبْتُ أَنهُ كانَ يقُولُ: « أَحْمرُ مِثْلُ الدًَّمِ، وإذا في النَّهْرِ رَجُلٌ سابِحٌ يَسْبحُ، وَإذا على شَطِّ النَّهْرِ رجُلٌ قَد جَمَعَ عِندَهُ حِجارةً كَثِيرَة، وإذا ذلكَ السَّابِحُ يسبح ما يَسْبَحُ، ثُمَّ يَأتيْ ذلكَ الذي قَدْ جمَعَ عِنْدهُ الحِجارةًَ، فَيَفْغَرُ لهَ فاهُ، فَيُلْقِمُهُ حجراً، فَيَنْطَلِقُ فَيَسْبَحُ، ثُمًَّ يَرْجِعُ إليهِ، كُلَّمَا رجع إليْهِ، فَغَر فاهُ لهُ، فَألْقمهُ حَجَراً، قلت لهما: ما هذانِ؟ قالا لي: انْطلِقْ انطلِق، فانْطَلَقنا . فَأَتَيْنَا على رَجُلٍ كرِيِه المَرْآةِ، أوْ كأَكرَهِ ما أنت رَاءٍ رجُلاً مَرْأَى، فإذا هو عِندَه نارٌ يحشُّها وَيسْعى حَوْلَهَا، قلتُ لهما: ما هذا؟ قالا لي: انْطَلِقْ انْطلِقْ، فَانْطَلقنا . فَأتَينا على روْضةٍ مُعْتَمَّةٍ فِيها مِنْ كلِّ نَوْرِ الرَّبيعِ، وإذا بيْنَ ظهْرِي الرَّوضَةِ رَجلٌ طويلٌ لا أكادُ أرى رأسَهُ طُولاً في السَّماءِ، وإذا حوْلَ الرجلِ منْ أكثر ولدان ما رَأَيْتُهُمْ قطُّ، قُلتُ: ما هذا؟ وما هؤلاءِ؟ قالا لي: انطَلقْ انْطَلِقْ فَاَنْطَلقنا . فَأتيْنَا إلى دَوْحةٍ عظِيمَة لَمْ أر دَوْحةً قطُّ أعظمَ مِنها، ولا أحْسنَ، قالا لي: ارْقَ فيها، فَارتَقينا فيها، إلى مدِينةٍ مَبْنِيَّةٍ بِلَبِنٍ ذَهبٍ ولبنٍ فضَّةٍ، فأتَينَا باب المَدينة فَاسْتفتَحْنَا، فَفُتحَ لَنا، فَدَخَلناهَا، فَتَلَقَّانَا رجالٌ شَطْرٌ مِن خَلْقِهِم كأحْسنِ ما أنت راءٍ، وشَطرٌ مِنهم كأَقْبحِ ما أنتَ راءِ، قالا لهم: اذهبوا فقَعُوا في ذلك النًّهْر، وإذا هُوَ نَهرٌ معتَرِضٌ يجْرِي كأن ماءَهُ المحضُ في البياض، فذَهبُوا فوقعُوا فيه، ثُمَّ رجعُوا إلينا قد ذَهَب ذلكَ السُّوءُ عَنهمْ، فَصارُوا في أحسن صُورةٍ .قال: قالا لي: هذه جَنَّةُ عدْن، وهذاك منزلُكَ، فسمَا بصَرِي صُعداً، فإذا قصر مِثلُ الرَّبابة البيضاءِ . قالا لي: هذاك منزِلُكَ . قلتُ لهما: بارك اللَّه فيكُما، فَذراني فأدخُلْه . قالا: أما الآن فلا، وأنتَ داخلُهُ . قلت لهُما: فَإنِّي رأَيتُ مُنْذُ اللَّيلة عجباً؟ فما هذا الذي رأيت؟ قالا لي: إنَا سَنخبِرُك. أمَّا الرجُلُ الأوَّلُ الذي أتَيتَ عَليه يُثلَغُ رأسُهُ بالحَجَرِ، فإنَّهُ الرَّجُلُ يأخُذُ القُرْآنَ فيرفُضُه، وينامُ عن الصَّلاةِ الكتُوبةِ . وأمَّا الذي أتَيتَ عَليْهِ يُشرْشرُ شِدْقُه إلى قَفاهُ، ومَنْخِرُه إلى قَفاهُ، وعَيْنهُ إلى قفاهُ، فإنه الرَّجُلُ يَغْدو مِنْ بَيْتِه فَيكذبُ الكذبةَ تبلُغُ الآفاقَ . وأمَّا الرِّجالُ والنِّساءُ العُراةُ الذين هُمْ في مِثل بِناءِ التَّنُّورِ، فإنَّهم الزُّناةُ والزَّواني . وأما الرجُلُ الَّذي أتَيْت عليْهِ يسْبَحُ في النَهْرِ، ويلْقمُ الحِجارة، فإنَّهُ آكِلُ الرِّبا. وأمَّا الرَّجُلُ الكَريهُ المَرآةِ الذي عندَ النَّارِ يَحُشُّها ويسْعى حَوْلَها فإنَّهُ مالِكُ خازنُ جَهنَّمَ. وأما الرَّجُلُ الطَّويلُ الَّذي في الرَّوْضةِ، فإنه إبراهيم، وأما الوِلدانُ الذينَ حوْله، فكلُّ مُوْلود ماتَ على الفِطْرَةِ » وفي رواية البَرْقَانِي: « وُلِد على الفِطْرَةِ » « كېچىسى ئىككى پەرىشتە كېلىپ مېنى تۇرغۇزۇپ ماڭا: ‹يۈر›، دېدى. مەن ئۇلار بىلەن يۈردۈم. بىز ئوڭدىسىغا ياتقان بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر ئادەم تاشنى تۇتۇپ تۇراتتى ۋە تاش بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ، كاللىسىنى يەنجىيتتى. تاش دومىلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. ئۇرغۇچى ئادەم تاشنى ئېلىپ، ئۇرۇلغۇچىنىڭ كاللىسى ساقىيىپ ئەسلىگە كەلگۈچە كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كاللىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يەنە ئاۋۋالقىدەكلا ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ كاللىسىنى يانجىيتتى » . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: « مەن پەرىشتىلەرگە: ‹ سُبْحَانَ اللهِ (ئەجەبلىنىش تەرىقىسىدە. ― ت) بۇ ئىككى ئادەم نېمە ئادەم؟›، دېسەم، پەرىشتىلەر ماڭا: ‹يۈر، يۈر›، دېدى. بىز يۈرۈپ ئوڭدىسىغا ياتقان بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. بىر ئادەم ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ يۈزىنىڭ بىر تەرىپىگە كېلىپ كانارە بىلەن ئۇنىڭ جاۋغىيىدىن، بۇرنىدىن ۋە كۆزىدىن بوينىغىچە تىلاتتى (ئەبۇ رەجانىنىڭ رىۋايىتىدە ‹تىلاتتى›، دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ‹ياراتتى›، دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم). ئاندىن يۈزىنىڭ ئىككىنچى تەرىپىنىمۇ شۇنداق قىلاتتى. بۇ تەرىپىنى تىلىپ بولغۇچە ئاۋۋالقى تىلغان تەرىپى ساقىيىپ ئەسلىگە كېلەتتى. ئەسلىگە كەلگەن تەرىپىنى يەنە ئاۋۋالقىدەك تىلاتتى. مەن: ‹ سُبْحَانَ اللهِ بۇ ئىككى ئادەم نېمە ئادەم؟›، دېسەم، پەرىشتىلەر ماڭا: ‹يۈر، يۈر›، دېدى. بىز يۈرۈپ تونۇرغا ئوخشايدىغان بىر گوداڭغا كەلدۇق » . سەمۇرە جۇندۇبنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « گوداڭدىن قىيا-چىيا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. گوداڭغا قارىساق، قىپيالىڭاچ ئەر-ئاياللار بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاستى تەرىپىدىن ئوتنىڭ يالقۇنى كېلىپ تۇرۇپتۇ. بۇ يالقۇن ئۇلارغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ۋارقىرىشىپ كېتەتتى. مەن پەرىشتىلەردىن: ‹بۇلار كىم؟›، دەپ سورىدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: ‹يۈر، يۈر›، دېدى. بىز يۈرۈپ بىر ئۆستەڭگە يېتىپ كەلدۇق » . سەمۇرە جۇندۇب ئېيتىدۇكى، ئېسىمدە قېلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئۆستەڭ قاندەك قىزىل ئىدى. ئۆستەڭدە بىر ئادەم ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئۆستەڭنىڭ قىرغىقىدا بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ يېنىغا نۇرغۇن تاش يىغىۋالغانىدى. ھېلىقى ئۆستەڭدە ئۈزۈپ يۈرگەن ئادەم تاش يىغىۋالغان ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاغزىنى ئاچاتتى. ئۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر تاش سېلىپ قوياتتى. ئۇ بېرىپ ئۆستەڭدە يەنە ئۈزەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا يەنە قايتىپ كېلەتتى. ھەر قايتىپ كەلگەندە ئاغزىنى ئاچاتتى. ئۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا تاش سېلىپ قوياتتى. مەن پەرىشتىلەردىن: ‹بۇلار كىم؟›، دەپ سورىدىم. ئۇلار ماڭا: ‹يۈر، يۈر›، دېدى. بىز يۈرۈپ ناھايىتى قەبىھ سۈرەتلىك بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئوت بولۇپ، ئۇ ئوتنى قوچۇيتتى ۋە ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. پەرىشتىلەردىن: ‹بۇ نېمە ئادەم؟›، دەپ سورىدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: ‹يۈر، يۈر›، دېدى. بىز يۈرۈپ ئۆسۈملۈكلىرى ئېگىز ئۆسكەن، باھارنىڭ خىلمۇخىل گۈل-چېچەكلىرى بىلەن تولغان بىر باغچىغا كەلدۇق. باغچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بويىنىڭ ئېگىزلىكىدىن بېشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئېگىز بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن بالىلار تۇرۇپتۇكى، بۇنداق كۆپ بالىلارنى زادى كۆرمىگەنىدىم. پەرىشتىلەردىن: ‹بۇ كىم؟ ئۇلار كىملەر؟›، دەپ سورىدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: ‹يۈر، يۈر›، دېدى. بىز يۈرۈپ شۇنداق چوڭ باغقا يېتىپ كەلدۇقكى، بۇنداق چوڭ ۋە چىرايلىق باغنى زادى كۆرمىگەنىدىم. پەرىشتىلەر مېنى: ‹باغقا كىرگىن›، دېدى. بىز باغقا كىرىپ ئالتۇن كېسەك بىلەن كۈمۈش كېسەكتىن سېلىنغان بىر شەھەرگە يېتىپ باردۇق. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. بىزگە شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئېچىپ بېرىلدى. شەھەرگە كىردۇق. بۇ يەردە بىزنى بەدەنلىرىنىڭ يېرىمى ئەڭ چىرايلىق، يېرىمى ئەڭ قەبىھ بولغان كىشىلەر كۈتۈۋالدى. پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ‹بېرىڭلار، ئاشۇ ئۆستەڭگە چۈشۈڭلار›، دېدى. قارىساق، توغرىسىغا ئېقىۋاتقان بىر ئۆستەڭ تۇرۇپتۇ. ئاقلىقتا ئۇنىڭ سۈيى گويا سۈتتەك ئىدى. ئۇلار ئۆستەڭگە بېرىپ چۈشتى. ئاندىن بىزنىڭ يېنىمىزغا قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى قەبىھلىك يوقىلىپ، ئۇلار ئەڭ چىرايلىق شەكىلگە كىرگەنىدى. پەرىشتىلەر ماڭا: ‹بۇ سېنىڭ مەنزىلگاھىڭ ئەدنى جەننىتى بولىدۇ›، دېدى. كۆزۈمنى يۇقىرىغا تىكىپ قارىسام، ئاق بۇلۇتتەك بىر ساراي تۇرۇپتۇ. پەرىشتىلەر ماڭا: ‹مانا بۇ سېنىڭ ئورنۇڭ›، دېدى. مەن پەرىشتىلەرگە: ‹سىلەرگە ئاللاھ تائالا بەخت ئاتا قىلسۇنكى، مېنى قويۇۋېتىڭلار، ئۇنىڭغا كىرىمەن›، دېدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: ‹ھازىر كىرىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭغا كېلەچەكتە كىرىسەن›، دېدى. مەن پەرىشتىلەرگە: ‹كېچىدىن بۇيان ئاجايىپ ئەھۋاللارنى كۆردۈم، ئۇلارنى دەپ بەرسەڭلار›، دېدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: ‹ئۇلاردىن سېنى خەۋەردار قىلىپ قويايلى، سەن ئالدىدا كۆرگەن كاللىسى تاش بىلەن يانجىلىۋاتقان ئادەم قۇرئاننى ئۆگىنىپ تاشلىۋەتكەن ۋە پەرز نامازنىڭ ۋاقتىدا ئۇخلايدىغان ئادەمدۇر. سەن كۆرگەن جاۋغاي، بۇرۇن ۋە كۆزلىرىدىن تارتىپ بوينىغىچە تىلىنىۋاتقان ئادەم ئەتىگەندە ئۆيدىن سىرتقا يالغان-ياۋىداقلارنى تارقىتىدىغان ئادەمدۇر. تونۇرغا ئوخشايدىغان گوداڭدا تۇرغان ئەر-ئاياللار بولسا پاھىشىۋازلاردۇر. سەن كۆرگەن ئۆستەڭدە ئۈزۈۋاتقان، ئاغزىغا تاش سېلىنىۋاتقان ئادەم بولسا جازانىخوردۇر. ئوتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى قوچۇۋاتقان ۋە ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرغان ئادەم دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتە مالىكتۇر. باغدا تۇرغان ئېگىز بويلۇق ئادەم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر. ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى بالىلار ئىسلام تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلغانلاردۇر›، دېدى » . سەمۇرە مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمانلاردىن بىرى: « ئى رەسۇلۇللاھ، مۇشرىكلارنىڭ بالىلىرىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرەمدۇ؟»، دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « وأولادُ المشركينَ » « مۇشرىكلارنىڭ بالىلىرىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاندىن مۇنداق دېدى: « پەرىشتىلەر: ‹بەدەنلىرىنىڭ يېرىمى چىرايلىق، يېرىمى قەبىھ كەلگەن كىشىلەر ياخشى ئىشلارغا يامان ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلغانلاردۇر، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كەچۈرسۇن›، دېدى » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قۇرئاننى يادلاپ بولۇپ، ئۇنتۇپ قېلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلالماسلىقتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان.

2) پەرز نامازغا ھورۇنلۇق قىلىش، يالغانچىلىق قىلىش، زىنا-پاھىشە قىلىش ۋە جازانە يېيىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان. شۇنداقلا، يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنى، شەھىدلەرنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسى بايان قىلىنغان.

4) دوزاختىكى ئازابنىڭ ۋە جەننەتتىكى نېئمەتنىڭ شۈبھىسىزكى ھەق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

5) بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرەتنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىنغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ