261 . باب يالغان ئېيتىش دۇرۇس بولىدىغان ئورۇنلارنى بايان قىلىش توغرىسىدا
يالغان سۆزلەش ئەسلىدە ھارام بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا يالغان سۆزلەش دۇرۇس بولىدۇ. بۇنى مەن « زىكىرلەر » ناملىق كىتابىمدا بايان قىلغانىدىم. ئۇنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، سۆز ئىنسان مەقسىتىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان قۇرالدۇر. ھەر قانداق ياخشى مەخسەتنى يالغان ئېيتماي تۇرۇپ ئېرىشىش مۇمكىن بولىدىغان بولسا، بۇنىڭغا يالغان ئارىلاشتۇرۇش ھارام سانىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا يالغان ئارىلاشتۇرماي ئېرىشىش مۇمكىن بولمىسا، يالغان ئارىلاشتۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ. يالغان سۆزلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇنىڭغا قاراپ بولىدۇكى، بىر مەقسەتنىڭ ھاسىل بولۇشى مۇباھ بولىدىغان بولسا، يالغان ئېيتىشمۇ مۇباھ بولىدۇ. ئەگەر يالغان سۆزلەشكە تېگىشلىك بولىدىغان ئىشتا يالغان سۆزلەش تېگىشلىك بولىدۇ. بىرەر مۇسۇلمان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى ياكى مال-مۈلۈكىنى تارتىۋالماقچى بولغان زالىمدىن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسا، بىلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى زالىملارغا ئېيتىپ بەرمەي يالغان ئېيتىشى ۋاجىپتۇر. شۇنىڭدەك بىر كىشىگە باشقىلار بىرەر نەرسىنى ئامانەت قويغان بولسا، زالىملار ئۇنى تارتىۋالماقچى بولغاندا، ئۇ كىشىنىڭ ئامانەتنى ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن يالغان سۆزلىشى ۋاجىپتۇر. بۇنداق ئەھۋاللاردا پۈتۈنلەي يالغان ئېيتماي، ئاڭلىغۇچىغا راست تۇيۇلىدىغان، ئەمەلىيەتتە يالغان بولغان ئىككى بىسلىق سۆزلەرنى پۇرىتىپ ئۆتۈپ كەتسە، بۇ پۈتۈنلەي يالغان ئېيتقاندىن ياخشىراق بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئۇسۇلنى قوللانماي يالغان ئېيتسىمۇ ھارام بولمايدۇ.
ئۆلىمالار مۇنداق ئەھۋالدا يالغان سۆزلەشنىڭ دۇرۇسلۇقىغا ئۇممۇ گۇلسۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.
ئۇممۇ گۇلسۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « كىشىلەر ئارىسىنى تۈزەش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلغان كىشى يالغانچى ھېسابلانمايدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىمام مۇسلىمدىن قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: ئۇممۇ گۇلسۇم: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۈچ ئىشتىن باشقا ئىشلاردا يالغان ئېيتىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم » ، دېدى. يالغان ئېيتىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنچىسى، ئۇرۇشتۇر (ئۇرۇشتا يالغان ئېيتسا ۋە ھىيلە ئىشلەتسە بولىدۇ). ئىككىنچىسى، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەش ئۈچۈن يالغان ئېيتسا بولىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، خۇشال قىلىش ئۈچۈن بەزى گەپلەرنى قىلسا، ۋەدىلەرنى بەرسە بولىدۇ.