رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

262. باب ئويلىنىپ سۆزلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ﴾ بىلمەيدىغان( نەرسەڭگە ئەگەشمە، (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 36- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مَا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ﴾ ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۆزىتىپ تۇرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە قاف 18- ئايەت)

1547. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كفي بالمَرءِ كَذِباً أنْ يُحَدِّثَ بِكُلِّ ما سمعِ » « كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ يالغانچىلىقى ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىلدۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) خەۋەرلەرنى ئىنىقلاش ۋە ئاڭلىغان سۆزنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىۋەرمەسلىك.

2) ئىبن ئەللان ئېيتىدۇ: «ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىشىنى ئاڭلىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەشتىن مەنئى قىلغان. چۈنكى، كىشى راسنىمۇ ئاڭلايدۇ، يالغاننىمۇ ئاڭلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشى ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى سۆزلىسە يالغان ئېيتقان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاڭلىغاننىڭ ھەممىنى ئېيتىش بىلەن بولمىغان ئىشلارنى بولدى دەپ خەۋەر قىلىپ سالىدۇ.

1548. سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ حدَّث عنِّي بِحَدِيثٍ يرَى أنَّهُ كذِبٌ، فَهُو أحدُ الكَاذِبين » « كىمكى يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بىرەر سۆزنى مېنى دېدى دەپ رىۋايەت قىلسا ئۇ يالغانچىلارنىڭ بىرىدۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزلەرنى (ھەدىسلەرنى) ئېنىقلاش ۋە ئۇنى رىۋايەت قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ توغرۇلۇقىنى جەزملەشتۈرۈش.

2) يالغانچى دېگەن سۈپەت-يالغاننى توقۇغۇچى ۋە يالغاننى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىپ يۈرگۈچىلەرگە ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.

1549. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ، بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مېنىڭ بىركۈندىشىم بار، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئېرىم ماڭا بەرمىگەن نەرسىلەرنى داملاتسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « المُتشبِّعُ بِما لـم يُعْطَ كَلابِس ثَوْبَي زُورٍ » « بېرىلمىگەن نەرسىنى بەردى، دەپ داملاتقان كىشى يالغانچىلىقنىڭ ئىككى تونىنى كىيگۈچىگە ئوخشايدۇ »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىشىنىڭ يوق ئىشلارنى بار دەپ ئېيتىشى ئۇنى يالغانچىلاردىن قىلىپ قويىدىغانلىقى.

2) مۇمكىنقەدەر ئىچى بىلەن تېشىنىڭ بىردەك بولۇشىغا تەرغىب قىلىنغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ