رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

263 . باب يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ چوڭ گۇناھلىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَاجْتَنِبُوا قَوْلَ الزُّورِ﴾ يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەج 30- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ رَبَّكَ لَبِالْمِرْصَادِ﴾ پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە فەجر 14- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ لَا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە فۇرقان 72- ئايەت)

1550. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ألا أُنبِّئكُم بأكبر الكَبائِر؟ » « مەن سىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھى كەبىرنى دەپ بېرەيمۇ؟»، دېۋىدى. بىز: « بولىدۇ، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى »، د ېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الإشراكُ باللَّه، وعُقُوقُ الوالِديْنِ » « ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش »، د ېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ، رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ: « ألا وقَوْلُ الزُّورِ، وشهادةُ الزورِ » « ئاگاھ بولۇڭلاركى، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، ئاگاھ بولۇڭلاركى، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش »، د ەپ بۇ سۆزنى تەكرار ئېيتىپ كەتتى. بىز: « كاشكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توختاپ قالسىكەن »، د ېيىشىپ كەتتۇق. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يالغان سۆزدىن ۋە يالغان گۇۋاھلىق بىرىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، يالغان گۇۋاھلىق بىرىش»، دېگەن سۆزنى تەكرار ئېيتىشى يالغان سۆز ۋە يالغان گۇۋاھلىقنىڭ ئۈممەت ئۈچۈن خەتىرىنىڭ چوڭلۇقىنى، قىيامەت كۈنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ قاتتىق ئازابقا قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2) ئاللاھ ئەڭ غەزەپلىنىدىغان گۇناھلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئۇنىڭدىن قالسا ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش ئۇنىڭدىن قالسا يالغان سۆز ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش. يالغان سۆز ۋە يالغان گۇۋاھلىقنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بىر قاتاردا كېلىشى بۇ گۇناھنىڭ ناھايىتى قەبىھ ۋە يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ جەمئىيەتكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ۋە زور زىيانلارنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ