رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

264. باب ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ لەنەت ئېيتىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

1551. ئەبى زەيد ئىبىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « من حَلَف عَلى يمِينٍ بِملَّةٍ غيْرٍ الإسْلامِ كاذباً مُتَعَمِّداً، فهُو كما قَالَ، ومنْ قَتَل نَفسهُ بشيءٍ، عُذِّب بِهِ يوْم القِيامةِ، وَليْس على رجُلٍ نَذْرٌ فِيما لا يَملِكهُ، ولعنُ المُؤْمِنِ كَقَتْلِهِ » « كىمكى ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى يالغاندىن ئۇلۇغلاپ قەستەن شۇ دىن بىلەن قەسەم ئىچسە. ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك بولىدۇ. (ئىماندىن ئاجرايدۇ) كىمكى ئۆزىنى تىغ بىلەن ئۆلتۈرۈۋالسا. بۇ ئادەم دوزاختا شۇ تىغ بىلەن ئازابلىنىدۇ. كىمكى قولىدا بولمىغان نەرسىگە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمىسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. مۇئمىنگە لەنەت ئېيتىش ئۇنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالادىن غەيرىي بىلەن قەسەم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان، ئۆزنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆزىنى تەكرار ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆز قىلمىشىنىڭ ئوخشىشى بىلەن ئازابلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

2) ئۆز ئىگىدارچىلىقىدا ئەمەس نەرسىنى نەزىر قىلسا (ئۆزىگە مەجبۇرىيەت قىلسا) ئۇنى ئورۇنداشنىڭ ۋاجىپ بولمايدىغانلىقى.

3) مۇسۇلمانغا لەنەت قىلىش (قارغاش)نىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكى.

1552. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا ينْبغِي لِصِدِّيقٍ أنْ يكُونَ لَعَّاناً » « كۆپ قارغاش كامىل مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەك كۆپ قارغاش ئاللاھنى تەستىقلاش ۋە ئىماننىڭ كامىللىقىغا زىت ئىكەنلىكى بايان قلىنغان.

1553. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يكُونُ اللَّعَّانُون شُفعَاءَ، ولا شُهَدَاءَ يوْمَ القِيامَةِ » « كۆپ قارغايدىغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىشقا ۋە گۇۋاھلىق بېرىشكە يارىمايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە: دۇنيادا باشقىلارنى قارغاشنى ئادەت قىلىۋالغان كىشىنىڭ پاسىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، قىيامەتتە شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى سۆزلەنگەن.

1554. سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَلاعنُوا بلعنةِ اللَّه، ولا بِغضبِهِ، ولا بِالنَّارِ » « ئاللاھ ساڭا لەنەت قىلسۇن، ئاللاھ ساڭا غەزەپ قىلسۇن، دوۋزىخىي بولۇپ كەتكەيسەن دەپ، ئۆزئارا قارغاشماڭلار » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە: خۇدانىڭ لەنەت قىلىشى ياكى غەزىپىگە قېلىش ۋە ياكى دوۋزىخىي بولۇپ كېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلىشتىن چەكلەنگەن.

1555. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَيْس المؤمِنُ بِالطَّعَّانِ، ولا اللَّعَّانِ ولا الفَاحِشِ، ولا البذِيِّ » « مۇئمىن ئادەم كىشىلەرگە تىل تەككۈزمەيدۇ، كىشىلەرنى قارغىمايدۇ، يامان سۆز قىلمايدۇ ۋە سۈرەن سالمايدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى سۈپەتلەر مۇئمىننىڭ ئىمانىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقى ھەتتا ئۇنى ئىماندىن چىقىپ كېتىش گېردابىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن.

1556. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ العبْد إذا لَعنَ شَيْئاً، صعِدتِ اللَّعْنةُ إلى السَّماء، فتُغْلَقُ أبْوابُ السَّماءِ دُونَها، ثُمَّ تَهبِطُ إلى الأرْضِ، فتُغلَقُ أبوابُها دُونَها، ثُّمَّ تَأخُذُ يميناً وشِمالا، فإذا لمْ تَجِدْ مساغاً رجعت إلى الذي لُعِنَ، فإنْ كان أهلاً لِذلك، وإلاَّ رجعتْ إلى قائِلِها » « قانداق بىر بەندە بىرەر نەرسىنى قارغىسا، قارغىشى ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ، قارغىشنىڭ ئالدىدا ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ. ئاندىن زېمىنغا چۈشىدۇ. زېمىننىڭ دەرۋازىلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا تاقىلىدۇ. ئاندىن ئوڭ سول تەرەپكە بۇرىلىدۇ. ھېچبىر جاي تاپالمىغاندا قارغىش قىلىنغان ئادەمنىڭ تەرىپىگە بارىدۇ. ئەگەر شۇ قارغىشقا لايىق بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا توختايدۇ. ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا لايىق بولمىسا، قارغىش قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) لەنەت ھەقىقىي گۇناھ ئىگىسىگە قارىتىلمىسا ئېيتىلغان لەنەتنىڭ لەنەت ئېيتقۇچىنىڭ ئۆزىگە يېنىپ قالىدىغانلىقى.

2) تولا قارغاشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە، مۇئمىننىڭ ئەخلاقىغا زىت ئىكەنلىكى.

1557. ئىمران ئىبن ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر ئۈستىدىكى چېغىدا ئەنسارىيلاردىن چىشى تۆگە مىنگەن بىر ئايال تۆگىسىدىن قاقشاپ ئۇنى قارغىدى. ئۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « خُذوا ما عليها ودعُوها، فإنَّها ملعُونَةٌُ » « تۆگىنىڭ ئۈستىدىكى يۈك-تاقنى ئېلىۋېتىپ ئۇنى قويۇپ بېرىڭلار، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن قارغالدى » ، دېدى. ئىمران ئېيتىدۇكى: « مەن ئۇ تۆگىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا يۈرگەنلىكىنى، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلمىغانلىقىنى ھېلىمۇ كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قارغاشتىن ھەتتا ھايۋانلارنى قارغاشتىنمۇ مەنئى قىلىنىدىغانلىقى.

2) ھايۋانلارغا قارىتا سەۋرچان بولۇش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى.

1558. ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەپەردە بويىغا يەتكەن بىر قىز كىشىلەرنىڭ نەرسە-كېرەكلىرى ئارتىلغان بىر تۆگىگە مېنىپ كېتىۋاتاتتى. بىر چاغدا ئۇ قىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ قېلىپ ئۆزىنى نېرى تارتاي دېسە تاغ يولى تار كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز تۆگىسىنى دىۋەتكەندىن كېيىن « ئى ئاللاھ! بۇ تۆگىگە لەنەت قىلغىن »، د ېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ: « لا تُصاحِبْنا نَاقَةٌ عليها لعْنةٌ » « لەنەت قىلىنغان تۆگە بىزگە ھەمراھ بولمىسۇن »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بۇ ھەدىس مەنىسى چۈشىنىكسىزدەك تۇيۇلىدۇ. ھەقىقەتتە بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىدە مۇجمەللىك يوق. بۇ ھەدىستە پەقەت بۇ تۆگىنىڭ ئۇلارغا ھەمراھ بولماسلىقى ئېيتىلغان. بۇ سۆزدە تۆگىنى سېتىش، ئۇنى سويۇش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمراھ بولمىغان چاغدا مىنىش چەكلەنمەيدۇ. بەلكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۇرۇسلۇقى چىقىدۇ.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) لەنەت قىلىشتىن، قارغاشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، بىدئەتچى ۋە پاسىق كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇشتىن ساقلىنىش لازىملىقى. چۈنكى، ئۇلار لەنەت-قارغاشنىڭ ئوبيېكتلىرى بولۇپ قالىدىغانلىقى.

2) بۇ ھەدىستە تۆگىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدىغان دەلىل يوق. چۈنكى، ئىسلامدا تۆگىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدىغان ئادەت يوق.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ