265. باب گۇناھكارلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي لەنەت ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿أَلاَ لَعْنَةُ اللّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ﴾ راستلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇد 18-ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَأَذَّنَ مُؤَذِّنٌ بَيْنَهُمْ أَن لَّعْنَةُ اللّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ﴾ بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: « زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن » . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 44- ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە: « لعَنَ اللَّه الوَاصِلَةَ والمُسْتَوصِلةَ لعَنَ اللَّه آكِلَ الرِّبا » « لَعَنَ المُصَوِّرين » « لعنَ اللَّه مَنْ غَيَّر منارَ الأرْض » « لَعنَ اللَّه السَّارِقَ يَسرِقُ البيضَة » « لَعنَ اللَّه مَنْ لعن والِديْهِ » « وَلَعَنَ اللَّه مَنْ ذبح لِغيْرِ اللَّه » « منْ أحْدَثَ فِيها حدثاً أوْ آوى محدِثاً » « فَعليّهِ لَعْنَةُ اللَّهِ والملائِكَةِ والنَّاسِ أجْمعِينَ » « اللَّهُمَّ العنْ رِعْلاً » « وذَكوانَ وَعُصيَّةَ » « عصَوا اللَّه ورَسُولَهُ » « لَعنَ اللَّه اليهودَ اتخَذُوا قُبورَ أنبيَائِهم مسَاجِدَ » « لَعن المُتشبهِينَ مِنَ الرِّجالِ بِالنِّساءِ » « والمتشَبِّهَاتِ مِنَ النِّسَاءِ بالرِّجالِ » « ئاللاھ چاچ ئۇلىغۇچىغا ۋە ئۇلاتقۇچىغا لەنەت قىلسۇن، جازانىخورغا لەنەت قىلسۇن، سۈرەت سىزغۇچىغا لەنەت قىلسۇن، زېمىننىڭ چىگرالىرىنى ئۆزگەرتكۈچىلەرگە لەنەت قىلسۇن، تۇخۇم چاغلىق نەرسىنى بولسىمۇ ئوغرىلىغان كىشىگە لەنەت قىلسۇن، ئاتا-ئانىسىنىڭ قارغىلىشقا سەۋەبچى بولغانلارغا لەنەت قىلسۇن، ئاللاھنىڭ نامىدىن باشقىنى تىلغا ئېلىپ مال بوغۇزلىغۇچىلارغا لەنەت قىلسۇن، مەدىنىدە بىرەر بىدئەتنى پەيدا قىلغان كىشىگە پاناھلىق بەرگۈچىگە ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن، ئى ئاللاھ! رىئلا، زەكۋان، ئۇسەييە قەبىللىرىگە لەنەت قىلغىن، ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلدى. (بۇ ئەرەب قەبىلىلىرىدىن ئۈچ قەبىلە ئىدى) ئاللاھ يەھۇدىيلارغا لەنەت قىلسۇن، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى مەسجىد قىلىۋالدى. ئەرلەردەك بولىۋالغان ئاياللارغا، ئاياللاردەك بولىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلسۇن »، د ېيىلگەن.
بۇ سۆزلەرنىڭ بەزىسى سەھىھۇلبۇخارىدا، بەزىسى سەھىھۇلمۇسلىمدا تېپىلىدۇ. بۇ يەردە پەقەت قىسقىچە توختالدىم. ئۇلارنىڭ تولىسىنى خۇدا خالىسا بۇ كىتابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بابلىرىدا بايان قىلىمەن.