266. باب بىرەر مۇسۇلمان ئادەمنى ناھەق تىللاشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا﴾ مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 58- ئايەت)
1559. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « سِباب المُسْلِمِ فُسوقٌ، وقِتَالُهُ كُفْرٌ » « مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىقتۇر، ئۇنى ئۆلتۈرۈش كۇفرىلىقتۇر »، د ېگەن ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلمانغا لەنەت ئېيتىش ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈش چەكلەنگەن، چۈنكى بۇنداق قىلىش نېئمەتكە تۇزكۇرلۇق قىلىش ۋە قېرىنداشلىق ھەققىنى ئادا قىلماسلىق بولىدۇ.
ئىمام تەبەرى ئېيتىدۇ: لەنەت ئوقۇش بىلەن ئۆلتۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق شۇكى لەنەت قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىشتۇر. ئۆلتۈرۈش بولسا ھاياتتىن يىراق قىلىنىشتۇر.
1560. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « لا يَرمي رجُلٌ رَجُلاً بِالفِسْقِ أو الكُفْرِ، إلاَّ ارتدت عليهِ، إنْ لمْ يَكُن صاحِبُهُ كذلكَ » « كىمكى يەنە بىر ئادەمنى پاسىق ۋە كافىر دەپ تىللايدىكەن، تىللانغان ئادەمدە مەزكۇر سۈپەتلەر بولمىسا، بۇ تىللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېنىپ قالىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىبن ئەللان ئېيتىدۇ: بۇ ھەدىستە، پاسىق ئەمەس كىشىلەرنى پاسىق دېگەن كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ پاسىق بولۇپ قالىدىغانلىقى، يەنى ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇ قىلمىشتا چىڭ تۇرسا ھەقىقەتەن پاسىق بولۇپ كېتىش ئىھتىماللىقى بار.
2) مۇئمىننى كافىر دېيىشنى ھالال سانىغان ئادەمنىڭ دېگەن گېپى ئۆزىگە يېنىپ قالىدىغانلىقى.
1561. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « المُتَسابانِ مَا قَالا فَعَلى البَادِي مِنْهُما حتَّى يَعْتَدِي المظلُومُ » « ئىككى ئادەم تىللاشقان بولسا گۇناھ باشتا تىللىغان ئادەمگە بولىدۇ. تىللانغۇچى ھەددىدىن ئاشۇرۋەتسە گۇناھ ئۇنىڭغا بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قىساسىنى ئېلىۋېلىشقا بولىدىغانلىقى، لېكىن سەۋر قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى.
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: تىللاشقان ئىككى ئادەمنىڭ گۇناھى تىللانغۇچى قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن ھەپىلەشمىسىلا دەسلەپتە تىللىغان ئادەمگە بولىدىغانلىقى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَمَن صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَلِكَ لَمِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ﴾ كىمكى (ئەرزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە شورا 43- ئايەت)
1562. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ھاراق ئىچكەن بىر ئادەم ئېلىپ كېلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « اضربُوهُ » « ئۇنى ئۇرۇڭلار »، د ېدى. ئىچىمىزدىن بەزىلەر قولى بىلەن ئۇردى، بەزىلەر ئايىغى بىلەن ئۇردى، كىيىمى بىلەن ئۇردى، ئۇ ئادەم قايتىۋىدى، بەزىلەر: « ئاللاھ سېنى خار قىلىۋەتسۇن »، د ېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا تقُولُوا هذا، لا تُعِينُوا عليهِ الشَّيطَانَ » « ئۇنداق دىمەڭلار، ئۇنىڭغا قارشى شەيتانغا ياردەم بەرمەڭلار »، د ېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھاراق ئىچكۈچىنىڭ جازاسىنى قامچىدىن باشقا قول، كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇپ ئىجرا قىلسىمۇ بولىدىغانلىقى.
2) ئاسىي بەندىلەرگە ئۇلارنى خۇدانىڭ رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ شەيتاننىڭ دامىغا چۈشۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن بەد دۇئا قىلماسلىق.
3) ئىسلامدىكى جىنايى جازا ئازابلاش ئەمەس، بەلكى ئەدەپلەش ئىكەنلىكى.
1563. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « من قَذَف ممْلُوكَهُ بِالزِّنا يُقامُ عليهٍ الحَدُّ يومَ القِيامَةِ، إلاَّ أنْ يَكُونَ كما قالَ » « قانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ قۇلىنى زىنا قىلدى دەپ قارىلىسا، قۇل ئۇ ئادەم دېگەندەك بولمىسا قىيامەت كۈنى قارىلىغان ئادەمگە ھەد (شەرىئەتتە تۆھمەت چاپلىغۇچىغا بېرىلىدىغان جازا) تۇرغۇزۇلىدۇ » .
ا ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل ئادالىتىنىڭ كامالىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىيامەت كۈنى قۇل-چاكارلارغا زۇلۇم قىلغۇچىغا (ھەتتا تىل-ھاقارەت بىلەن بولسىمۇ) ئاللاھنىڭ ئازابى بولىدىغانلىقى.