رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

267. باب ئۆلگەنلەرنى ناھەق ۋە دىنى زۆرۈرىيەتسىز تىللاشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

دىنى زۆرۈرىيەت دېگەنلىك ئۆلگۈچىلەرنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ۋە پەيدا قىلغان بىدئەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، دېگەنلىكتۇر.

بۇ ھەقتىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئىلگىرىكى بابتا ئۆتتى.

1564. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَسُبُّوا الأمواتَ، فَإنَّهُمْ قد أفْضَوْا إلى ما قَدَّموا » « ئۆلگەن كىشىلەرنى ھاقارەتلىمەڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ