رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

268. باب باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن چەكلەش توغرىسىدا

1565. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « المُسْلِمُ منْ سَلِمَ المُسْلِمُونَ مِنْ لِسَانِهِ ويدِهِ، والمُهَاجِرُ منْ هَجَر ما نَهَى اللَّه عنْهُ » « سۆزى ۋە ھەرىكىتى بىلەن مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەم ھەقىقىي مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ، چەكلىگەن نەرسىلەرنى تەرك ئەتكەن ئادەم ھەقىقىي مۇھاجىر ھېسابلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسۇلمانلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق بولۇش.

2) كامىل مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسى نەپسىنى گۇناھتىن پاكلاش ئىكەنلىكى، ھەقىقىي ھىجرەت بولسا گۇناھلارنى تەرك ئىتىپ تائەت-ئىبادەت بىلەن بولۇش ئىكەنلىكى.

1566. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ أحبَّ أن يُزَحْزحَ عن النَّارِ، ويَدْخَل الجنَّةَ، فلتَأتِهِ منِيَّتُهُ وهُوَ يُؤمِنُ باللهِ واليَوْمِ الآخِرِ، وَلْيَأتِ إلى النَّاسِ الذي يُحِبُّ أنْ يُؤْتَي إليْهِ » « دوزاختىن يىراقلاشتۇرۇپ، جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى ياقتۇرىدىغان ئادەم، چوقۇم ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشى كېرەك، يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ياقتۇرسا، ئۆزىمۇ كىشىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆلۈپ كەتكۈچە ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن ﴿فَلاَ تَمُوتُنَّ إَلاَّ وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ﴾ پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار («قۇرئان كەرىم» سۈرە 132- ئايەت)

2) مۇسۇلمان ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ياقتۇرسا ئۆزىنىڭمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ