رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

269. باب دۈشمەنلىشىش، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋە تەتۈر قارىشىپ يۈرۈشتىن چەكلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ﴾ مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇجۇرات 10- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ﴾ مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كۇففارلارغا شەپقەتسىز .... («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 54- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مُّحَمَّدٌ رَّسُولُ اللَّهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاء عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاء بَيْنَهُمْ﴾ مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە فەتىھ 29- ئايەت)

1567. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَباغَضُوا، ولا تحاسدُوا، ولاَ تَدابَرُوا، ولا تَقَاطعُوا، وَكُونُوا عِبادَ اللَّهِ إخواناً، ولا يَحِلُّ لِمُسْلِمٍ أنْ يهْجُرَ أخَاه فَوقَ ثلاثٍ » « دۈشمەنلەشمەڭلار، ھەسەت قىلىشماڭلار، تەتۈر قارىشىپ يۈرمەڭلار. مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشمەڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى ئاداۋەت يۈزىسىدىن گەپ قىلماي ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋىتىشى ھالال بولمايدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىتتىپاقسىزلىق، تەپرىقىچىلىق ۋە ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن چەكلەش.

2) مۇسۇلمان كىشىنىڭ قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق سالام قىلماي تاشلىۋېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

1568. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « تُفْتَحُ أبْوابُ الجَنَّةِ يَوْمَ الاثنَيْنِ ويَوْمَ الخَمِيس، فَيُغْفَرُ لِكُلِّ عبْدٍ لا يُشْرِكُ بِاللَّهِ شَيئاً، إلاَّ رجُلاً كانَت بيْنهُ وبَيْنَ أخيهِ شَحْناءُ فيقالُ: أنْظِرُوا هذيْنِ حتَّى يصطَلِحا، أنْظِرُوا هذَيْنِ حتَّى يَصطَلِحا » « جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنى ئېچىلىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن ھەربىر بەندىگە مەغفىرەت قىلىنىدۇ. پەقەت بىر كىشىنىڭ قېرىندىشى بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئاداۋىتى بولسا، ئۇنىڭدىن مۇستەسنا، بۇ ئىككىسى يارىشىپ قالغۇچە كىچىكتۈرۈڭلار، بۇ ئىككىسى يارىشىپ قالغۇچە كېچىكتۈرۈڭلار، دېيىلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: شەرىئەت رۇخسەت قىلغان سەۋەبلەردىن باشقا سەۋەبسىز باشقىلار بىلەن ئۈزۈلۈشۈپ كېتىشتىن چەكلەنگەن ۋە ئاداۋەت ساقلاش ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويۇش ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشكە توسالغۇ بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ