270. باب ھەسەت قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿أَمْ يَحْسُدُونَ النَّاسَ عَلَى مَا آتَاهُمُ اللّهُ مِن فَضْلِهِ﴾ ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 54- ئايەت)
1569. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إيَّاكُمْ والحسدَ، فإنَّ الحسدَ يأكُلُ الحسناتِ كَما تَأْكُلُ النًارُ الحطبَ، أوْ قال العُشْبَ » « ھەسەت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ھەسەت ياخشىلىقلارنى، ئوت ئوتۇننى يالماپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك يوق قىلىۋېتىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەسەت قىلىشتىن چەكلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدىغانلىقى. چۈنكى، ھەسەت ئوت ئوتۇننى ۋە شاخ شۇمبىلارنى يالماپ كەتكىنىدەك ياخشى ئەمەللەرنى بەك تىزلا بەربات قىلىۋىتىدىغانلىقى.