رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

271. باب كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەشتىن ۋە باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمىغان كىشىنىڭ سۆزىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتىن چەكلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَا تَجَسَّسُوا﴾ مۇئمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇجۇرات 12- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا﴾ مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار شۇ بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 59- ئايەت)

1570. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إيًاكُمْ والظَّنَّ، فإن الظَّنَّ أكذبُ الحدِيثَ، ولا تحَسَّسُوا، ولا تَجسَّسُوا ولا تنافَسُوا ولا تحَاسَدُوا، ولا تَباغَضُوا، ولا تَدابَروُا، وكُونُوا عِباد اللَّهِ إخْواناً كَما أمركُمْ . المُسْلِمُ أخُو المُسْلِمِ، لا يظلِمُهُ، ولا يخذُلُهُ ولا يحْقرُهُ، التَّقوى ههُنا، التَّقوَى ههُنا » « گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، گۇمانخورلۇق سۆزلەرنىڭ ئەڭ يالغىنى ھېسابلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئاقتۇرماڭلار، تىڭ-تىڭلاپ يۈرمەڭلار، نەپسانىيەتچىلىك قىلماڭلار، ھەسەت قىلىشماڭلار، ئاداۋەت قىلىشماڭلار، ماي تارتىپ يۈرمەڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنى بۇيرۇغىنى بويىچە ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار، مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى خارلىمايدۇ، كەمسىتمەيدۇ. تەقۋالىق مانا مۇشۇ يەردە، تەقۋالىق مانا مۇشۇ يەردە، تەقۋالىق مانا مۇشۇ يەردە »، د ەپ كۆكرىكىنى كۆرسىتەتتى، ئاندىن: « بِحْسبِ امريءٍ مِن الشَّرِّ أن يحْقِر أخاهُ المسِلم، كُلُّ المُسلمِ على المُسْلِمِ حرَامٌ: دمُهُ، وعِرْضُهُ، ومَالُه، إنَّ اللَّه لا يَنْظُرُ إلى أجْسادِكُمْ، وَلا إلى صُوَرِكُمْ، وأعمالكم ولكنْ يَنْظُرُ إلى قُلُوبِكُمْ » « كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كەمسىتىشى ئۇنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر، بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىغا، ئابرۇيىغا ۋە مېلىغا چېقىلىشى ھارامدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشىڭلارغا، سۈرەتلىرىڭلارغا، ئىش ھەرىكىتىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا قارايدۇ »، د ېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « لا تَحاسَدُوا، وَلا تَبَاغَضُوا، وَلا تَجَسَّسُوا ولا تحَسَّسُوا ولا تَنَاجشُوا وكُونُوا عِبَادَ اللَّهِ إخْوَاناً » « ھەسەت قىلىشماڭلار، ئاداۋەتلەشمەڭلار، تىڭ-تىڭلاپ يۈرمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەشمەڭلار، مال باھاسىنى قەستەن ئۆستۈرۈۋالماڭلار ۋە ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار »، د ېگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « لا تَقَاطَعُوا، وَلا تَدَابَرُوا، وَلا تَبَاغَضُوا ولا تحَاسدُوا، وَكُونُوا عِبَادَ اللَّهِ إخْوَاناً » « بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودىلاشماڭلار، ماي تارتىپ يۈرمەڭلار، دۈشمەنلەشمەڭلار، ھەسەت قىلىشماڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار »، د ېگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « لا تَهَاجَروا وَلا يَبِعْ بَعْضُكُمِ على بيع بَعْضٍ » « بۇرادەرلىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ، تارتىۋالماڭلار »، د ېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسۇلماننىڭ ئۆزئارا ئابرۇيىنى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى ساقلاشقا، گۇمانخورلۇق قىلماسلىققا، ئەيىبىنى ئاختۇرماسلىققا بۇيرۇلغان.

2) باشقىلارغا زۇلۇم قىلماسلىق، باشقىلارنى ياردەمسىز قويماسلىق، كەمسىتمەسلىك، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ جېنىغا-مېلىغا ۋە ئىززەت-نەپسىگە چېقىلماسلىق، قېرىنداشلىقنى ساقلاش كېرەكلىكى.

3) باشقىلارغا زىيان سېلىش مەقسىتىدە مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

4) باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئۆزئارا ئۆچمەنلىككە ۋە يىراقلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى.

1571. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إنَّكَ إن اتَّبعْتَ عَوْراتِ المُسْلِمينَ أفسَدْتَهُمْ، أوْ كِدْتَ أنْ تُفسِدَهُمَ » « شۈبھىسىزكى سەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزلىسەڭ، ئۇلارنى بۇزىسەن، ياكى بۇزۇشقا تاس قالىسەن » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

1572. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئادەم ئېلىپ كېلىندى: « بۇ پالانى ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ساقاللىرىدىن ھاراق تېمىپ تۇرىدۇ »، د ېيىلگەندە ئۇ: « بىز كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزلەپ يۈرۈشتىن مەنئى قىلىنغان، لېكىن بىرەر ئەيىب بىزگە ئاشكارا بولۇپ قالسا ئۇنى تۇتىمىز »، د ېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ساھابىلەرنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا مەھكەم ئېسىلىشقا ھېرىسمەن ئىكەنلىكى.

2) گۇمانغا تايىنىپ جازا ئىجرا قىلماسلىق، جازا ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن جىنايەت ئامىللىرىنى ئىنىقلاش كېرەكلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ