272. باب زۆرۈرىيەت بولمىغاندا مۇسۇلمانلارغا يامان ئويدا بولۇشتىن چەكلەش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَا تَجَسَّسُوا﴾ مۇئمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇجۇرات 12- ئايەت)
1573. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إيَّاكُمْ وَالظًَّنَّ، فإنَّ الظَّنَّ أكذَبُ الحَدِيثِ » « گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇمانخورلۇق سۆزلەرنىڭ ئەڭ يالغىنى ھېسابلىنىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىشىلەرگە يامان ئويدا بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.
2) شەرىئەتتىكى ھۆكۈم ۋە جازا گۇمان بىلەن ئەمەس، پاكىتقا ئاساسەن يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى.