رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

273. باب مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَسْخَرْ قَومٌ مِّن قَوْمٍ عَسَى أَن يَكُونُوا خَيْرًا مِّنْهُمْ وَلَا نِسَاء مِّن نِّسَاء عَسَى أَن يَكُنَّ خَيْرًا مِّنْهُنَّ وَلَا تَلْمِزُوا أَنفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا بِالْأَلْقَابِ بِئْسَ الاِسْمُ الْفُسُوقُ بَعْدَ الْإِيمَانِ وَمَن لَّمْ يَتُبْ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ﴾ ئى مۇئمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزەرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار، مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۇئمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمە دېگەن يامان! (مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇجۇرات 11- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَيْلٌ لِّكُلِّ هُمَزَةٍ لُّمَزَة﴾ (كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي! . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇمەزە 1- ئايەت)

1574. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بِحَسْبِ امْرِيءٍ مِنَ الشَّرِّ أن يحْقِرَ أخَاهُ المُسْلِمَ » « كىشىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كەمسىتىشى ئۇنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1575. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا يَدْخُلُ الجَنَّةَ منْ كَانَ في قَلْبِهِ مِثْقَالُ ذَرَّةٍ مِنْ كِبْرٍ » « قەلبىدە زەررىچىلىك تەكەببۇرلۇق بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ »، د ېدى. بىر ئادەم: « ھەقىقەتەن كىشى ئۆزىنىڭ كىيىمى ۋە ئايىغىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ياخشى كۆرىدىغۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إنَّ اللَّه جَمِيلٌ يُحِبُّ الجَمَال، الكِبْرُ بَطَرُ الحَقِّ، وغَمْطُ النَّاسِ » « شۈبھىسىزكى ئاللاھ گۈزەلدۇر. گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ، تەكەببۇرلۇق دېگەن ھەقنى ئىنكار قىلىش ۋە كىشىلەرنى كەمسىتىشتۇر »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يولسىز ھاكاۋۇرلۇقنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى، ئازغىنا كىبر شۇ كىشىنى جەننەتكە كىرىشتىن مەھرۇم قىلىپ قويىدىغانلىقى.

كىبىرنىڭ ئالامىتى: كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ھەققە بوي ئەگمەسلىك ئىكەنلىكى.

1576. جۇندۇب ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قالَ رَجُلٌ: واللَّهِ لا يَغْفِرُ اللَّه لفُلانٍ، فَقَالَ اللَّه عَزَّ وَجَلَّ: مَنْ ذا الَّذِي يَتَأَلَّى عليَّ أنْ لا أغفِرَ لفُلانٍ إنِّي قَد غَفَرْتُ لَهُ، وًَأَحْبَطْتُ عمَلَكَ » « بىر ئادەم: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پالانىنى ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ›، دېدى. ئۇلۇغ ئاللاھ: ‹پالانىنى كەچۈرمەسلىكىمگە قەسەم قىلغان كىشى كىمكەن؟ مەن ئۇنى مەغفىرەت قىلدىم، سېنىڭ ئەمىلىڭنى بولسا، بىكار قىلدىم›، دېدى » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە مەغفىرەت ۋە رەھمىتىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى.

2) باشقىلارنى كەمسىتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ