274. باب مۇسۇلماننىڭ بېشىغا كەلگەن كېلىشمەسلىككە خۇرسەن بولۇشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ﴾ مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇجۇرات 10- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَن تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ﴾ مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 19- ئايەت)
1577. ۋاسىلە ئىبن ئەسقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تُظْهِرِ الشَّمَاتَة لأخيك فَيرْحمْهُ اللَّهُ وَيبتَلِيكَ » « قېرىندىشىڭنىڭ بېشىغا كەلگەن كېلىشمەسلىكتىن خۇرسەن بولۇپ كەتمىگىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ كېلىشمەسلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، سېنى كېلىشمەسلىككە ئۇچرىتىپ قويمىسۇن، يەنە » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشىنىڭ قېرىندىشىنىڭ قايغۇسىغا قايغۇرىدىغان، خۇشاللىقىغا خۇشال بولىدىغان بولۇشى لازىملىقى.