275. باب كۆرۈنۈشتە شەرىئەتتە ئىزچىللاشقان نەسەبكە تىل تەككۈزۈشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا﴾ مۇئمىنلەرۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاپ 58- ئايەت)
1578. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اثْنَتَان في النَّاسِ هُمَا بِهِم كُفْرٌ: الطَّعْنُ في النَّسَبِ، والنِّيَاحةُ على المَّيت » « كىشىلەردە تارالغان ئىككى تۈرلۈك ئىش بار، ئۇ كىمدە بولىدىكەن، شۇ كىشىنى كۇفرىغا ئېلىپ بارىدۇ. بىرى: كىشىنىڭ نەسەبىگە قارىسىغا تىل تەككۈزۈش، يەنە بىرى: مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلاش » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتقا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاش ۋە نەسەبكە تىل تەككۈزۈشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى، ھەتتا بۇنداق قىلىشنىڭ كۇفرى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.