رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

276. باب ئالدامچىلىق ۋە مەككارلىقتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا﴾ مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . (سۈرە ئەھزاپ 58- ئايەت)

1579. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ حمَلَ عَلَيْنَا السِّلاحَ، فَلَيْسَ مِنَّا، ومَنْ غَشَّنَا، فَلَيْسَ مِنَّا » « كىمكى بىزگە قارشى قورال كۆتۈرىدىكەن، ئۇ بىزگە تەۋە ئەمەس. كىمكى بىزگە ئالدامچىلىق قىلىدىكەن، ئۇمۇ بىزگە تەۋە ئەمەس » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: رەسۇلۇللاھ (سېتىش ئۈچۈن قويۇلغان) بىر دۆۋە ئاشلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قولىنى ئاشلىقنىڭ ئىچىگە تىققانىدى، قولىغا ھۆللۈك تەگدى. رەسۇلۇللاھ: « مَا هَذَا يا صَاحِبَ الطَّعَامِ؟ » « ھەي ئاشلىق ئىگىسى! بۇ نېمە ئىش؟»، دېدى. ئۇ كىشى: « ئاشلىق يامغۇردا قالغانىدى، ئى رەسۇلۇللاھ » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « أفَلا جَعلْتَه فَوْقَ الطَّعَامِ حَتِّى يَراهُ النَّاس، مَنْ غَشَّنَا فَلَيْسَ مِنَّا » « ئۇنداق بولسا نېمىشقا ھۆل ئاشلىقنى كىشىلەرگە كۆرگۈدەك قىلىپ ئۈستىگە چىقىرىپ قويمىدىڭ؟ كىمكى ھىيلە ئىشلىتىدىكەن، ئۇ بىزگە مەنسۇپ ئەمەس »، د ېدى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆزئارا قورال كۆتۈرۈشكە ۋە مۇئامىلىدە كىشىلەرنى ئالداشقا بولمايدىغانلىقى، مال ساتقۇچى ئەگەر مالدا ئەيىب بولسا، خېرىدارغا مالنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارا ئېيتىشى كېرەكلىكى.

2) ھاكىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قانۇن يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ۋە كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغان ئالدامچىلارنى جازالاشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكى.

3) ئۈممەتكە زىيانغا سېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قەستەن ئالداش ئۈممەتكە ئاسىيلىق قىلغانلىق ۋە تانغانلىق بولىدىغانلىقى.

1580. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَنَاجشُوا » « خىرىدارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن يالغاندىن مالنى يۇقىرى باھادا ئېلىۋالماقچى بولماڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ خېرىدارنى ئالداپ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالماسلىق كېرەكلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىق بولىدىغانلىقى.

1581. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ خىرىدارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن مالنى يالغاندىن يۇقىرى باھادا ئالماقچى بولۇۋېلىشتىن مەنئى قىلغان. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1582. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم رەسۇلۇللاھقا ئۆزىنىڭ سودا-سېتىقتا ئالدىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى. رەسۇلۇللاھ: « منْ بايَعْتَ، فَقُلْ لا خِلابَةَ » « كىم بىلەن ئالدى-ساتتى قىلىشساڭ ئۇنىڭغا سودا-سېتىقتا ھىيلە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دېگىن »، د ېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سودىدا ئالدانغان بولسا مال قايتۇرۇش ھەققى بولىدىغانلىقى.

1583. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ خَبَّب زَوْجَة امْرِيءٍ، أوْ ممْلُوكَهُ، فَلَيْسَ مِنَّا » « كىمكى بىراۋنىڭ ئايالىنى ياكى قۇلىنى ئالداپ يولدىن چىقارسا ئۇ بىزدىن ئەمەس » .

― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاياللارنى ياكى باشقىلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئالداشنىڭ ۋە ياكى ئۇلار بىلەن ئەرلىرى ۋە خوجايىنلىرى ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ