رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

277. باب ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَوْفُواْ بِالْعُقُود(ِ﴾ ئى مۇئمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆزئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 1- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَأَوْفُواْ بِالْعَهْدِ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْؤُولاً﴾ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدە ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال-سوراق قىلىنىسىلەر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 34- ئايەت)

1584. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أرْبعٌ مَنْ كُنَّ فيهِ، كانَ مُنَافِقاً خالصاً، وَمَنْ كانتْ فيه خَصْلَةٌ مِنْهُنَّ، كانَ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنَ النِّفاقِ حتَّى يدعها: إذا أؤتمِنَ خانَ، وإذا حدَّثَ كَذَب، وإذا عاهَدَ غَدَر، وإذا خَاصَم فَجر » « مۇنداق تۆت سۈپەت بار، كىمدە مۇشۇ تۆت سۈپەت بولىدىكەن، ئۇلارنى تەرك ئەتمىگۈچە ئۇ مۇناپىق ھېسابلىنىدۇ. كىمدە مۇشۇ تۆت سۈپەتتىن بىرى تېپىلىدىكەن، ئۇنى تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بولىدۇ: 1) ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماق. 2) يالغان سۆزلىمەك. 3) قىلغان توختامىنى بۇزماق. 4) جېدەللەشكەندە ئاغزىنى بۇزماق » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يۇقىرىقى ناچار سۈپەتلەر پەقەت مۇناپىقتىلا بولىدىغان سۈپەتلەر بولۇپ، مۇئمىن كىشى بۇ سۈپەتلەردىن يىراق بولۇشى ۋە ئۆزىنى پاك تۇتۇش لازىملىقى.

2) ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت كۈچلۈك ئىمانغا باغلانغان بولۇپ، ئۇ ئىمان مەۋجۇت بولسا مەۋجۇت بولىدۇ. ئەگەر ئىمان يوقالسا ئېسىل ئەخلاقمۇ يوقىلىدۇ.

3) مۇناپىقلىق ئىنسان تەبىئىتىدىكى پەسلىك بولۇپ، جەمئىيەتكە زىيان كەلتۈرىدىغانلىقى.

1585. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: « لِكُلِّ غَادِرٍ لِوَاءٌ يوْمَ القِيامةِ، يُقَالُ: هذِهِ غَدْرَةُ فُلانٍ » « ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان ھەربىر ئادەم ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ۋاپاسىز دېگەن بايراق تىكلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەھدىنى بۇزغان كىشىنىڭ قىيامەت كۈنى تېخىمۇ رەسۋا بولۇشى ۋە ۋاپاسىزلىقنىڭ پۈتۈن خالايىقلار ئالدىدا ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر بايراق قادىلىدىغانلىقى.

1586. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لِكُلِّ غَادِرٍ لِواءٌ عِندَ إسْتِه يَوْمَ القِيامةِ يُرْفَعُ لَهُ بِقدْرِ غدْرِهِ، ألا ولا غَادر أعْظمُ غَدْراً مِنْ أمير عامَّةٍ » « ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ھەربىر كىشىنىڭ قىيامەت كۈنى قۇيرۇقىدا بىر بايراق بولىدۇ، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغانلىقى قانچىلىك بولسا ئۇ بايراق شۇنچە ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ، ئاگاھ بولۇڭلاركى خەلقكە باشلىق بولغان ئادەمنىڭ ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىدىنمۇ چوڭراق ۋاپاسىزلىق بولمايدۇ ».

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: خىيانەتنىڭ بولۇپمۇ خەلىفە ياكى ھۆكۈمرانلاردىكى خىيانەتنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، چۈنكى ئۇ خەلىفە ياكى ھۆكۈمرانلار خىيانەت قىلماسلىققا، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشىقا قادىر بولۇپ مەجبۇرلانغان ئەمەس، ئۇلارنىڭ خىيانىتى پۈتۈن جەمئىيەتكە زىيان كەلتۈرىدۇ.

1587. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قَالَ اللَّه تعالى ثَلاثَةٌ أنا خَصْمُهُمْ يوْمَ القِيَامَةِ: رَجُلٌ أعطَى بي ثُمْ غَدَرَ، وَرجُلٌ باع حُراً فأَكل ثمنَهُ، ورجُلٌ استَأجرَ أجِيراً، فَاسْتَوْفي مِنهُ، ولَمْ يُعْطِهِ أجْرَهُ » « ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى، ئۈچ تۈرلۈك ئادەم قىيامەت كۈنى مېنىڭ دۈشمىنىم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنچى خىلى، مەن بىلەن قەسەم قىلىپ ۋەدە بېرىپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان ئادەم. ئىككىنچى خىلى، ھۆر ئادەمنى سېتىپ پۇلىنى يېگەن ئادەم. ئۈچىنچى خىلى، بىر ئادەمنى ياللاپ ئىشلىتىپ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن ئادەم » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ۋەدىگە ۋاپا قىلىشقا، ئازاد (ھۆر) ئادەمنى ساتماسلىققا ۋە ئىشلەمچىنىڭ ھەققىنى بېرىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.

2) يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئىشنى قىلغان كىشىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، بىرىنچى خىلى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە خىيانەت قىلىپ ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىم، سۈپىتىنىڭ ھۆرمىتىنى بۇزۇش. ئىككىنچى خىلى، بۇ يەردىكى مەقسەت سودا قىلىپ پۇل ئۈندۈرۈش ئەمەس، بەلكى مەيلى ساتسۇن ياكى پۇل ئۈندۈرسۇن ئازاد بىر ئادەمنى ئىگىلىۋېلىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئازاد ئادەمنى ئىگىلىۋالغان كىشىگە دۈشمەن. ئۈچىنچى، كىشىنىڭ بىر ئادەمنى بەدەلسىز ئىشقا سېلىپ كۈچىدىن پايدىلىنىشى ھەقىقىي زۇلۇمدۇر.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ