278. باب بەرگەن نەرسىگە مىننەت قىلىشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تُبْطِلُواْ صَدَقَاتِكُم بِالْمَنِّ وَالأذَى﴾ ئى مۇئمىنلەر بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 264- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللّهِ ثُمَّ لاَ يُتْبِعُونَ مَا أَنفَقُواُ مَنًّا وَلاَ أَذًى﴾ پۇل-مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان ۋە (خەير-ساخاۋەتكە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 262- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
1588. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ثَلاثةٌ لا يُكلِّمُهُمْ اللَّه يوْمَ القيامةِ، ولا يَنْظُرُ إليْهِمْ، ولا يُزَكِّيهِمْ وَلهُمْ عذابٌ أليمٌ » « قىيامەت كۈنى ئاللاھ (ئۇلارنى خوش قىلىدىغان) گەپ قىلمايدىغان، (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدىغان، (گۇناھلىرىنى) پاكلىمايدىغان، ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بولىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئادەم بار » . ئەبۇ زەر دېدىكى: رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغانىدى. ئەبۇ زەر: « خار بولىدىغان، زىيان تارتىدىغان كىشىلەر كىم، ئى رەسۇلۇللاھ؟ » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « المُسبِلُ، والمَنَّانُ، والمُنْفِقُ سلعتهُ بالحِلفِ الكَاذبِ » « ئىشتىنىنى سۆرەپ ماڭغۇچى، مىننەت قىلغۇچى، يالغان قەسەم بىلەن مېلىنىڭ بازىرىنى چىقارغۇچى »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « ئىشتىنىنى سۆرەپ ماڭغۇچى، يەنى كۆز-كۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ كىيىمىنى ۋە ئىشتىنىنى ئۇشۇقىدىن ئۇزۇن قىلىپ سۆرىۋالغۇچى »، د ېدى.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مىننەت قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، چۈنكى، مىننەت قىلىش ساخاۋەت قىلىنغان كىشىگە ئازار بەرگەنلىك ۋە ئۇنى خورلىغانلىق بولىدىغانلىقى.
2) ھاكاۋۇرلۇق قىلىش نىيىتىدە كىيىمنى ئۇزۇن كىيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ئەگەر ھاكاۋۇرلۇق قىلماي ئۇزۇن كىيسە مەكرۇھ بولىدىغانلىقى.
3) سودا ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىش خۇددى بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە كەلگەندەك، يالغان قەسەم مالنىڭ بازىرىنى چىقىرىدىغانلىقى، ئەمما بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋېتىدىغانلىقى.