279. باب ماختانچاقلىقتىن ۋە باشقىلارغا چېقىلىشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَلَا تُزَكُّوا أَنفُسَكُمْ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَى﴾ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەجىم 32- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَظْلِمُونَ النَّاسَ وَيَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ أُوْلَئِكَ لَهُم عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾ ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە-پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە شۇرا 42- ئايەت)
1589. ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إن اللَّه تَعالى أوْحَى إليَّ أن تواضعُوا حَتى لا يبْغِيَ أحَدٌ على أحدٍ، ولا يفْخرَ أحدٌ على أحدٍ » « ئاللاھ تائالا مېنى ۋە سىلەرنى كەمتەر بولۇشقا ۋە بىراۋ بىراۋغا چېقىلماسلىققا، بىراۋ بىراۋغا ماختانچاقلىق قىلماسلىققا ئەمرى قىلدى » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە كۆز-كۆز قىلىپ پەخىرلىنىش ۋە بىراۋغا چېقىلىش چەكلەنگەن، شۇنداقلا پانىي دۇنيانىڭ مال-دۇنيا ۋە نام-ئابرۇيلىرىغا بېرىلىپ ئالدىنىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.
1590. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا قال الرَّجُلُ: هلَكَ النَّاسُ، فهُو أهْلَكُهُمْ » « قاچانكى بىر ئادەم پالانى تۈگەشتى، دېسە، ئۇنىڭ ئۆزى ھەممىدىن بەك تۈگىشىدۇ. ۋەيران بولغانلار، دېسە ۋە بۇنى چوڭچىلىق قىلىپ كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماي دېسە ھارام بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ سۇسلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ دېسە كارايىتى يوقتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە: ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن، باشقىلارنى كەمسىتىشتىن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىدىن ئامان قالىمەن دېيىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.