رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

280. باب بىدئەتچى ياكى پاسىق بولمىسىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ﴾ مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇجۇرات 10- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تَعَاوَنُواْ عَلَى الإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ﴾ گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 2- ئايەت)

1591. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَقَاطَعُوا، ولا تَدابروا، ولا تباغضُوا، ولا تحاسدُوا، وكُونُوا عِبادَ اللَّهِ إخْواناً . ولا يحِلُّ لمُسْلِمٍ أنْ يهْجُرَ أخَاهُ فَوقَ ثَلاثٍ » « مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشمەڭلار، تەتۈر قارىشىپ يۈرمەڭلار، دۈشمەنلەشمەڭلار، ھەسەت قىلىشماڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار، مۇسۇلماننىڭ بۇرادىرىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ ». ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1592. ئەبۇ ئەييۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يحِلُّ لمُسْلِمٍ أنْ يَهْجُرَ أخَاهُ فوْقَ ثَلاثِ لَيالٍ: يلتَقِيانِ، فيُعرِضُ هذا ويُعرِضُ هذا، وخَيْرُهُما الَّذِي يبْدأ بالسَّلامِ » « بىر ئادەمنىڭ دىنىي قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ بىر-بىرىگە تەتۈر قاراپ يۈرۈشى دۇرۇس ئەمەس. قايسى ئالدى بىلەن سالام بەرسە، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ » ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەدىستىكى «قېرىنداش»، دەپ ئىپادىلەش مۇناسىۋەتنى ئۈزمەسلىككە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۆزئارا تاشلىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئېنىق ئىشارەتتۇر.

2) مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، بىر-بىرىنى تاشلىۋەتكۈچى ئىككەيلەننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بولسا قېرىندىشىغا بۇرۇن سالام بەرگىنى ۋە دەسلەپ گەپ قىلغىنى، قېرىنداشلىق رىشتىنى ئۇلاپ ئۆچمەنلىك سەۋەبلىرىنى يوق قىلغىنىدۇر.

3) مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈچ كۈندىن ئارتۇق بىر-بىرىنى تاشلىۋېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. ئۈچ كۈن مۇددەت بېكىتىشتىكى ھېكمەت: ئۈچ كۈن ۋاقىت ئويلىنىشقا، غەزىپىنى بىسىشقا، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۇنتۇش ۋە ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىنى دەپئى قىلىۋىتىشكە يېتەرلىكتۇر.

4) مۇسۇلمان ئۆچمەنلىكنى تېز ئۇنتۇيدۇ ۋە پەزلى مەرھەمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشىلىنىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ.

5) ئىسلامدىكى سالام دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولىدۇر.

1593. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « تُعْرضُ الأعْمالُ في كُلِّ اثنين وخَميس، فيغفِر اللَّه لِكُلِّ امْريءٍ لا يُشْرِكُ بِاللَّهِ شَيْئاً، إلا امْرءًا كَانَتْ بيْنَهُ وبيْنَ أخِيهِ شَحْناءُ، فيقُولُ: اتْرُكُوا هذَينِ حتَّى يصْطلِحا » « دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى تامام ئەمەللەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن ھەربىر بەندىنى ئاللاھ مەغفىرەت قىلىدۇ. لېكىن، بىر كىشىنىڭ قېرىندىشى بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئاداۋىتى بولسا، ئاللاھ بۇ ئىككىسى يارىشىپ قالغۇچە كىچىكتۈرۈڭلار دەيدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۆچمەنلىك ئىككى ئاداۋەتلەشكۈچىنىڭ ئاداۋىتىدىن قايتىپ ياخشىلاشقانغا قەدەر ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغفىرەت بولۇشىنى توسۇپ تۇرىدۇ.

1594. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « إنَّ الشَّيْطَانَ قَدْ يئسَ أنْ يَعْبُدهُ المُصلُّون في جَزيرةِ العربِ ولكِن في التَّحْرِيشِ بيْنهم » « شەيتان ئەرەب ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا چوقۇنۇشىدىن ئۈمىد ئۈزدى. لېكىن، مۇسۇلمانلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش كويىدادۇر » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەيتان مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت، جەڭگى-جېدەل ۋە پىتنە-پاسات تېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇڭا مۇسۇلمان كىشى نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىپ، شەيتاندىن يىراق بولۇپ، ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاندىن پاناھ تىلەش كېرەك.

2) بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى بولۇپ، ئۇ غەيب ئىشتىن خەۋەر بەرگەنىدى. كېينكى ئىشلار خەۋەر قىلغاندەك بولدى.

1595. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يحِلُّ لمسْلِمٍ أنْ يهْجُرَ أخَاه فوْقَ ثَلاثٍ، فمنْ هَجر فَوْقَ ثلاثٍ فمات دخَل النَار » « مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق (ئاداۋەت قىلىپ) تاشلىۋېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. بىر-بىرىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر دوزاخقا كىرىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلاپ قويۇپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە چىڭ تۇرغان ھالدا ۋاپات بولسا، دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ۋە دوۋزىخىيلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقى.

1596. ئەبۇ خىراش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « منْ هَجر أخاهُ سَنَةً فَهُو كَسفْكِ دمِهِ » « كىمكى قېرىندىشىنى بىر يىل تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەنگە باراۋەر بولىدۇ » .

― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قېرىندىشىنى تاشلىۋېتىشتىن ۋە مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان، چۈنكى قىرىنداشنى تاشلىۋېتىش دېگەن مەنىۋى ئۆلتۈرۈش بولۇپ، جىسمانىي ئۆلتۈرۈشتىن يەڭگىل ئەمەس.

1597. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَحِلُّ لمُؤْمِنٍ أنْ يهْجُرَ مُؤْمِناً فَوْقَ ثَلاثٍ، فَإنْ مرَّتْ بِهِ ثَلاثٌ، فَلْيَلْقَهُ، ولْيُسَلِّمْ عَلَيْهِ، فَإن رَدَّ عليهِ السَّلام، فقَدِ اشْتَرَكَا في الأجْرِ، وإنْ لَمْ يَرُدَّ عَلَيْهِ، فَقَدْ باءَ بالإثمِ، وخَرَجَ المُسلِّمُ مٍن الهجْرةِ » « بىر مۇئمىن ئادەمنىڭ يەنە بىر مۇئمىننى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ سالام قىلسۇن، ئەگەر ئۇ سالامنى ئىلىك ئالسا ساۋابتا ئىككىلىسى ئورتاقلىشىدۇ. ئەگەر سالامنى ئىلىك ئالمىسا ئۇ گۇناھكار بولىدۇ. سالام قىلغۇچى تاشلاشقاننىڭ گۇناھىدىن خالاس تاپقان بولىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇئمىن كىشىنىڭ قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

2) سالام قىلىش بىلەن ئاداۋەتنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى.

3) ئەگەر قارشى تەرەپ سالامنى ئىلىك ئالسا ئەجىردە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر سالامنى ئىلىك ئالمىسا ئۇ گۇناھكار بولىدۇ. سالامنى باشلىغۇچىدىن گۇناھ ساقىت بولىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ