رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

281. باب ئــۈچ كىـــشى بىر يـەردە بولـۇپ زۆرۈرىـيەت بولـمىــسا ئۈچىنچى بىر ئادەمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ئىككى كىشىنىڭ پىچىرلىشىشىدىن ياكى ئۈچىنچى كىشى بىلمەيدىغان تىل بىلەن سۆزلىشىشتىن چەكلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا النَّجْوَى مِنَ الشَّيْطَانِ﴾ گۇناھ توغرىسىدا پىچىرلىشىش شەيتان تەرىپىدىن بولغاندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇجادىلە 10- ئايەت)

1598. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا كَانُوا ثَلاثَةً، فَلا يَتَنَاجَى اثْنَانِ دُونَ الثَّالِثِ » « ئۈچ ئادەم بار يەردە ئىككىسى ئۈچىنچىسىدىن يوشۇرۇن پىچىرلاشمىسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە: ئەبۇ سالىھ مۇنداق دېگەن: « مەن ئىبن ئۇمەردىن تۆت ئادەم بولسىچۇ؟»، دەپ سورىسام. ئۇ: « ئۇنداقتا باك يوق »، د ېدى.

مالىكنىڭ « مۇۋەتتا »، د ېگەن كىتابىدا ئابدۇللاھ ئىبن دىنارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە: ئۇ مۇنداق دېگەن: « مەن ۋە ئىبن ئۇمەر خالىد ئىبن ئۇقبەنىڭ بازاردىكى قورۇسىدا ئىدۇق. بىر كىشى كېلىپ ئىبن ئۇمەر بىلەن ئايرىم سۆزلەشمەكچى بولدى. ئۇنىڭ يېنىدا مەندىن باشقا كىشى بولمىغاچقا، ئۇ يەنە بىر كىشىنى چاقىرىپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىز تۆت بولدۇق. ئاندىن ئۇ مەن بىلەن ئۆزى چاقىرىپ كىرگەن كىشىگە: « ئەمدى ئىككىڭلار كەينىدە تۇرۇپ تۇرساڭلار، چۈنكى مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: « لا يَتَنَاجَى اثْنَانِ دونَ وَاحدٍ » ‹ئىككى كىشى ئۈچىنىچى كىشىنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئايرىم سۆزلەشمىسۇن›، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان » ، دېدى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن يوليورۇق، كۆرسەتمىلىرى بىلەن تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغانلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سورۇن ئەدەپلىرىدىن تەلىم بەرگەنلىكى.

2) ئىككەيلەننىڭ ئۈچىنچى كىشىنى قويۇپ ياكى ئۈچەيلەننىڭ تۆتىنچى كىشىنى قويۇپ ياخشى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىشتىنمۇ نەھيى قىلىنغانلىقى، ئەگەر ئىككەيلەن ئۈچىنچى كىشى يوق ھالدا يامان ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشسا ھارام بولىدىغانلىقى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَنَاجَيْتُمْ فَلَا تَتَنَاجَوْا بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ﴾ ئى مۇئمىنلەر، سىلەر پىچىرلاشساڭلار گۇناھ، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇجادىلە 9-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

3) بۇ كاتتا ئەدەپتىكى ھېكمەت: بىر كىشىنى سۆزنى ئاڭلاشتىن ياكى چۈشىنىشتىن يىراق قىلىش ئۇ كىشىدە شەك پەيدا قىلىپ غەمگە سېلىپ قويىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىنى يالغۇز قويماي باشقىلار بىلەن پىچىرلاشسا گۇناھ بولمايدىغانلىقى.

1599. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا كُنْتُمْ ثَلاثة، فَلا يَتَنَاجى اثْنَانِ دُونَ الآخَرِ حتَّى تخْتَلِطُوا بالنَّاسِ، مِنْ أجْل أنَّ ذَلكَ يُحزِنُهُ » « سىلەر ئۈچ كىشى بولساڭلار باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرمىغۇچىلىك بىرىڭلارنى ئايرىپ قويۇپ ئىككىڭلار پىچىرلاشماڭلار » (چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۈچىنچى كىشىنى رەنجىتىپ قويىدۇ). ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىككى كىشىنىڭ ئۈچىنچى بىر كىشىنى يالغۇز قويۇپ پىچىرلىشىشى ھارام دەرىجىسىدىكى نەھيى بولۇپ ئۈچىنچى كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ ئازار بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا﴾ مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 58-ئايەت)

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ