رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

282. باب قۇلىنى، ئۇلاغلىرىنى، ئايالىنى ۋە بالىلىرىنى شەرئى سەۋەبسىز ياكى ھەددىدىن ئوشۇق قىيناشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالجَنبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ إِنَّ اللّهَ لاَ يُحِبُّ مَن كَانَ مُخْتَالاً فَخُورًا﴾ ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 36- ئايەت)

1600. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « عُذِّبتِ امْرَأةٌ في هِرَّةٍ حبستها حَتَّى ماتَتْ، فَدَخلَتْ فِيهَا النَّارَ، لا هِيَ أطْعمتْهَا وسقَتْها، إذ هي حبَستْهَا ولا هِي تَرَكتْهَا تَأكُلُ مِنْ خَشَاشِ الأرض » « بىر ئايال بىر مۈشۈكنى تاماقمۇ بەرمەي ۋە زېمىندىكى ھاشارەتلەرنىمۇ يېگىلى قويماي باغلاپ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دوۋزىخىي بولۇپ كەتكەن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھايۋانلارغا كۆيۈنۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى ھەمدە ھايۋانلارنى سولاپ قويۇش ۋە ئاچ قويۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

2) ھايۋانلارنى ياخشى خەۋەر ئالالىسا بېقىشقا بولىدىغانلىقى.

1601. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ نىشانغا يەتمىگەن ئوقنى قۇش ئېگىسىگە بېرىش شەرتى بىلەن تىرىك قۇشنى نىشان قىلىپ قارىغا ئېتىشىپ ئويناۋاتقان قۇرەيش ياشلىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلار ئىبن ئۇمەرنى كۆرۈپ تاراپ كەتتى. ئىبن ئۇمەر: « بۇ ئىشنى كىم قىلدى؟ ئاللاھ بۇ ئىشنى قىلغان كىشىگە لەنەت قىلسۇن، رەسۇلۇللاھ جاندارنى قارىغا ئېتىپ ئوينىغان كىشىگە لەنەت قىلغان »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەرقانداق جانلىقنى قارىغا ئېلىپ ئېتىپ ئويناش ئۈچۈن نىشان قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇ ھايۋاننى ھېچقانداق شەرئى سەۋەبسىز قىينىغانلىق بولىدىغانلىقى، ھەدىستە ھايۋانلارنى قىيناشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى ئېنىق بايان قىلىنغان ۋە بۇنداق قىلغۇچىلارغا لەنەت ئېيتىلغان.

1602. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرنى چارىپايلارنى باغلاپ قويۇپ بىرەر نەرسە بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتىن مەنئى قىلغان.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1603. ئەبۇ ئەلى سۇۋەيد ئىبن مۇقەررىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن مۇقەررىننىڭ يەتتە ئوغلىنىڭ بىرى بولىمەن، بىزنىڭ بىرلا چۆرىمىز بار ئىدى. ئۇنى بىزنىڭ ئەڭ كىچىك قېرىندىشىمىز بىر كاچات سالغانىدى. رەسۇلۇللاھ بىزنى ئۇ چۆرىنى ئازاد قىلىۋېتىشكە بۇيرۇدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قۇل-چۆرىلىرىنى قاتتىق ئۇرۇش ياكى ئازابلاشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە بۇنداق قىلغانلارنى ئۇرغانلىق ۋە قىينىغانلىقنىڭ كەففارىتى بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ئازاد قىلىۋېتىشكە ئۈندىگەن.

1604. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن بىر خىزمەتكارىمنى قامچا بىلەن ساۋاداۋاتاتتىم. كەينى تەرىپىمدىن: « اعلَمْ أبا مَسْعُودٍ » « ئى ئەبۇ مەسئۇد، بېلىپ قوي »، د ېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ تۇرغاچقا نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. توۋلىغۇچى يېقىنلاشقاندا قارىسام ئۇ، رەسۇللاھ ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەۋاتاتتى: « اعلَمْ أبا مسْعُودٍ أنَّ اللَّه أقْدرُ علَيْكَ مِنْكَ عَلى هذا الغُلامِ » « ئەي ئەبۇ مەسئۇد!، بىلىپ قوي، ئاللاھنىڭ ساڭا بۇ قۇلغا كۈچۈڭ يەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۈچى يېتىدۇ »، د ېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ: « بۇنىڭدىن كېيىن ھېچ بىر قۇلنى ئۇرمايمەن »، د ېدىم.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىدىن ئەيمىنىپ قامچا چۈشۈپ كەتتى»، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ قۇل ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازاد »، د ەۋەتتىم. رەسۇلۇللاھ: « أمَا لوْ لَمْ تَفْعَلْ، لَلَفَحَتْكَ النَّارُ، أوْ لمَسَّتكَ النَّارُ » « ئەگەر شۇنداق قىلمىغان بولساڭ، سېنى دوزاخ كۆيدۈرگەن بولاتتى »، د ېدى، دېيىلگەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن قۇل-چۆرە ۋە خىزمەتچىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىش، ئەمما گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىرىنى گۇناھىغا يارىشا ئەدەپلەپ قويۇشقا ئىسلام دىنى رۇخسەت قىلغان.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ھەيۋىتى ۋە ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمە، يوليۇرۇقلىرىنى چىڭ تۇتۇشقا ئالدىرايدىغانلىقى.

1605. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ ضرب غُلاماً له حَداً لم يأتِهِ، أو لَطَمَهُ، فإن كَفَّارتَهُ أن يُعْتِقَهُ » « كىمكى ئۆز قۇلىنى جازا تىگىشلىك بولمىغان ھالدا ئۇرسا ياكى بىر شاپىلاق سالسا، ئۇنىڭ كەففارىتى ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قازى ئىياز ئېيتىدۇ: ئالىملار ھەدىستە ئېيتىلغان ئازاد قىلىۋېتىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس، ئۈندەلگەن ياخشى ئىش ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى. لېكىن بۇ خىل ئازاد قىلىۋېتىشنىڭ ئەجرى دەسلەپتىلا سەۋەبسىز ئازاد قىلىۋېتىشنىڭ ئەجرىگە يېتەلمەيدۇ.

2) ئىسلام دىنىنىڭ قانداق يول بىلەن بولسۇن ھەرقاچان قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ئىسل پەزىلىتى.

1606. ھىشام ئىبن ھەكىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ شام دىيارىدا ئاپتاپتا تۇرغۇزۇلۇپ باشلىرىغا قىزىق ماي قۇيۇلۇۋاتقان دېھقانلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ « بۇ نېمە ئىش؟»، دەپ سورىدى. « بۇلار يەر بېجى تاپشۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلار »، د ېدى. ھىشام: « گۇۋاھلىق بىرىمەنكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ‹ئاللاھ دۇنيادا كىشىلەرنى قىينىغان ئادەملەرنى ئازابلايدۇ›»، دەپ ھاكىمنىڭ يېنىغا كىرىپ بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بېرىۋىدى، ھاكىم بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇلارنى قويۇپ بەردى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاجىز، پېقىر-مىسكىنلەرنى سەۋەبسىز ئازابلاشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ئىزچىل تۈردە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىغانلىقى.

3) زالىملارنى زۇلۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

1607. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ يۈزى داغلىنىپ بەلگە سېلىنغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ بۇنىڭغا نارازى بولدى. ئاندىن ئىبن ئابباس: « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئېشەككە بەلگە قويىدىكەنمەن، يۈزىدىن باشقا يەرگە قويىمەن »، د ەپ بەلگە قويۇش ئۈچۈن ئېشىكىنىڭ كاسسىسىنى داغلاتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبن ئابباس ئېشەكنىڭ كاسسىنى داغلاپ بەلگە قويغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھايۋانلارنىڭ يۈزىگە ئەن سېلىشتىن چەكلەنگەن.

2) ئىسلام دىنىنىڭ ھايۋانلارغىمۇ كۆيۈمچانلىقى، ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايۋانلار يۈزىگە ئەن سالماسلىق بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغانلىقى.

1608. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن يۈزى داغلانغان بىر ئېشەك ئۆتكەنىدى، رەسۇلۇللاھ: « لعن اللَّه الَّذي وسمهُ » « ئۇ ئېشەكنىڭ يۈزىنى داغلىغۇچىغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن »، د ېدى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: رەسۇلۇللاھ يۈزىگە ئۇرۇشتىن ۋە يۈزىگە بەلگە قويۇشتىن چەكلىگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۈزىگە ئەن سېلىش ۋە يۈزىگە ئۇرۇشتىن نەھيى قىلىنغان، چۈنكى يۈز گۈزەللىك ۋە ھېس-تۇيغۇ مەركەزلەشكەن نازۇك ئورۇن بولۇپ يۈزىگە ئۇرۇش ياكى ئەن سېلىش يۈزىنى سەتلەشتۈرۈپ سەزگۈلەرنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ