283. باب ھەرقانداق ھايۋاننى، ھەتتا پىتنىمۇ ئوت بىلەن ئازابلاشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
1609. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىزنى بىر قوشۇن بىلەن ئەۋەتىپ، قۇرەيشتىن بولغان ئىككى كىشىنى ئاتاپ تۇرۇپ: « إن وجدْتُم فُلاناً وفُلانا، فأحْرِقُوهُمَا بالنَّارِ » « پالان-پالانىلار قولۇڭلارغا چۈشسە ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار »، د ېدى. ئاندىن بىز ماڭايلى دەپ تۇرغىنىمىزدا رەسۇلۇللاھ: « إنِّي كُنْتُ أمرْتُكمْ أن تُحْرقُوا فُلاناً وفُلاناً، وإنَّ النَّار لا يُعَذبُ بِهَا إلا اللَّه، فَإنْ وجَدْتُموهُما فَاقْتُلُوهُما » « مەن سىلەرگە پالان-پالانچىلارنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۋېتىڭلار دېگەنىدىم. ئوت بىلەن ئازابلاش ئاللاھقا خاس، ئۇلارنى قولغا چۈشۈرسەڭلار، ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار »، د ېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشتىن نەھيى قىلىنغان ۋە ھەتتا دۈشمەنلەرنىمۇ ئەدەپلەش ۋە جازالاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈش بولماي ئۆلتۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
1610. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر سەپەردە ئىدۇق. رەسۇلۇللاھ ھاجەتكە كەتكەنىدى. بىز بىر قىزىل قۇشنى كۆردۇق، ئۇنىڭ باچكىسى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئىككى باچكىسىنى تۇتۇۋالدۇق، قۇش ئۈستىمىزدە سايە تاشلاپ ئەگىگىلى تۇردى. رەسۇلۇللاھ كېلىپ: « منْ فَجع هذِهِ بِولَدِهَا؟ رُدُّوا وَلَدهَا إليْهَا » « بالىسىنى ئېلىۋېلىپ بۇ قۇشنى كىم بىئارام قىلدى، ئۇنىڭ بالىسىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار »، دېدى. كېيىن بىز بىر چۈمۈلە ئۇۋىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتۇق. بۇنى رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ: « مَنْ حرَّقَ هذِهِ؟ » « بۇنى كىم كۆيدۈردى؟»، دېدى. بىز: « بىز »، د ېدۇق. رەسۇلۇللاھ: « إنَّهُ لا ينْبَغِي أنْ يُعَذِّب بالنَّارِ إلاَّ ربُّ النَّارِ » « ئوت بىلەن ئازابلاشقا پەقەت ئوتنىڭ رەببى ئاللاھ لايىقتۇر »، د ېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قۇشلارنى ئازابلاش، قۇش بالىلىرىنى تۇتۇۋېلىش ۋە چۈمۈلە، ھاشاراتلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈشتىن نەھيى قىلىنغان. ئەمما، چۈمۈلە يوق چۈمۈلە ئۇۋۇسىنى كۆيدۈرۈش نەھيى قىلىنمىغان ئىش.
2) كىمكى ئوت بىلەن بىرەر كىشىنى ئۆلتۈرسە، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىلىرى خالىسا قاتىلدىن ئوت بىلەن كۆيدۈرۈپ ياكى قېلىچ بىلەن چېپىپ قىساس ئالسا بولىدىغانلىقى.