285. باب ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتنى قارشى تەرەپ ئېلىشتىن بورۇن يېنىۋېلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
1612. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الَّذِي يعُودُ في هِبَتهِ كَالكَلبِ يرجعُ في قَيْئِهِ » « بەرگەن سوۋغىسىنى قايتۇرۇۋالىدىغان كىشى ئۆزىنىڭ قۇسۇقىنى يېگەن ئىتقا ئوخشايدۇ ».
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « مَثَلُ الَّذي يَرجِعُ في صدقَتِهِ، كَمَثلِ الكَلْبِ يَقيءُ، ثُّمَّ يعُودُ في قَيْئِهِ فَيَأكُلُهُ » « بەرگەن سەدىقىسىنى قايتۇرۇۋالغان كىشى، قۇسۇپ ئاندىن ئۇنى يەيدىغان ئىتقا ئوخشايدۇ » ، دېگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « العائِدُ في هِبَتِهِ كالعائدِ في قَيْئِهِ » « سوغىسىنى قايتۇرۇۋالغۇچى قۇسۇقىنى يېگۈچىگە ئوخشايدۇ » ، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىمام نەۋەۋى ئېيتىدۇ: ھەدىسنىڭ زاھىرى ھەدىيەسىدىن يېنىۋېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەدىس ياتقا بەرگەن ھەدىيەسىنى قايتۇرۇۋالغان كىشىگە قارىتىلغان. ئەگەر بالىسىغا بەرگەن نەرسىدىن شەرتى ئارقىلىق يېنىۋالسا بولىدۇ.
2) ئىبن دەقىق ئېيتىدۇ: ھەدىستىكى ئوخشاشلىق ئىككى تەرەپتىن. بىرى سوۋغا بېرىشتىن يېنىۋالغۇچىنىڭ ئىتقا ئوخشايدىغانلىقى، ئىككىنچىسى قايتۇرۇۋالغان سوۋغىتىنىڭ قەيگە ئوخشايدىغانلىقى.
1613. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن بىر ئاتنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلغانىدىم. كېيىن ئۇنى سەدىقە قىلغان ئادەمدىن سېتىۋالماقچى بولدۇم، ئۇنى ئەرزان بىرىدۇ دەپ ئويلىدىم، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا تَشتَرِهِ وَلا تَعُدْ في صدَقَتِكَ وإن أعْطَاكَهُ بِدِرْهَمٍ، فَإنَّ الْعَائد في صَدَقَتِهِ كَالْعَائِدِ في قيْئِهِ » « ئۇنى سېتىۋالمىغىن. ئۇنى بىر دەرھەمگە بەرسىمۇ سەدىقەڭنى قايتۇرۇۋالمىغىن. چۈنكى سەدىقىسىنى قايتۇرۇۋاالغۇچى قۇسقان نەرسىنى يېگۈچىگە ئوخشايدۇ »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: گەرچە سېتىۋېلىش يولى بىلەن بولسىمۇ ئۆز سەدىقىسىدىن يېنىۋېلىشتىن نەھيى قىلىنغان.