رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

286. باب يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋىلىشنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَى ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا﴾ زۇلۇم قىلىپ، يېتىملەرنىڭ مال-مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 10- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تَقْرَبُواْ مَالَ الْيَتِيمِ إِلاَّ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ﴾ يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنئام 152- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْيَتَامَى قُلْ إِصْلاَحٌ لَّهُمْ خَيْرٌ وَإِنْ تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ وَاللّهُ يَعْلَمُ الْمُفْسِدَ مِنَ الْمُصْلِحِ وَلَوْ شَاء اللّهُ لأعْنَتَكُمْ إِنَّ اللّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ﴾ (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرىسىدا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، (تەربىيلەش، ماللىرىنى ئۆستۈرۈپ) ئۇلارنى تۈزەش ياخشىدۇر. ئۇلار بىلەن (ئۇلارغا پايدىلىق بولغان رەۋىشتە) ئارىلىشىپ ياشىساڭلار، ئۇ چاغدا (يەنى ئۇلارغا قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىڭلار) ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىندىشىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى (قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن) چوقۇم جاپاغا سالاتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 220- ئايەت)

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ