287. باب جازانىنىڭ قاتتىق ھاراملىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لاَ يَقُومُونَ إِلاَّ كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُواْ إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَن جَاءهُ مَوْعِظَةٌ مِّن رَّبِّهِ فَانتَهَىَ فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُوْلَـئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾ ﴿يَمْحَقُ اللّهُ الْرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ وَاللّهُ لاَ يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ﴾ ﴿الَّذِينَ آمَنُواْ وَعَمِلُواْ الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُواْ الصَّلاَةَ وَآتَوُاْ الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ﴾ ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اتَّقُواْ اللّهَ وَذَرُواْ مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ﴾ جازانە، ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: « سودا سېتىق جازانىگە ئوخشاش (جازانە نېمىشقا ھارام بولىدۇ؟) »، د ېدى. ئاللاھ سودا-سېتىقنى ھالال قىلدى. جازانىنى (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز-نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ (يەنى ئاللاھ خالىسا ئۇنى كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ). قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەربىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ. ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان ۋە زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنىچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ. ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك) قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار. («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 275 ~ 278- ئايەتلەر)
1614. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « اجْتَنِبُوا السَّبْعَ المُوبِقَاتِ » « يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار » ، دېگەندە: « ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇلار قايسى گۇناھلار؟»، دەپ سورىغان كىشىلەرگە: « الشِّرْك بِاللَّهِ، وَالسِّحْرُ وَقَتْلُ النَّفْسِ التي حرَّمَ اللَّهُ إلاَّ بِالحقِّ، وَأكْلُ الرِّبَا، وَأكْلُ مال اليتِيمِ . والتَّولِّي يوْمَ الزَّحْفِ، وقذفُ المُحْصنَاتٍ المُؤمِنَات الغافِلاتِ » « ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمەك، سېھرىگەرلىك قىلماق، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەك، جازانىخورلۇق قىلماق، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالماق، غازاتتىن قاچماق، ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بوھتان چاپلىماق » ، دېگەن.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىمامى نەۋەۋى ئېيتىدۇ: بۇ ھەدىستە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئەڭ زور گۇناھ سانالغان، بۇ ناھايىتى ئېنىق.
2) مۇئمىنلەرنى ياخشىلىق يولىغا باشلاپ يامانلىق يوللىرىدىن يىراق بولۇشقا يېتەكلەش.
3) بىر قىسىم گۇناھلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا يەنە بىرقىسىم گۇناھلاردىن چوڭراق ھېسابلىنىدىغانلىقى.
4) ئاللاھ تائالا چەكلىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چوقۇم كىشىگە زىيان ۋە پىتنە-پاسات ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكى، يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلغاندا مىللەتكە ھەرقايسى جەھەتلەردىن ساناپ تۈگەتكۈسىز زىيانلارنىڭ بولۇدىغانلىقى، ئۇ ئىشلاردىن ساقلانغاندا مىللەتنى ئازغۇنلۇق ۋە بۇزۇلۇشتىن ساقلايدىغانلىقى.
1615. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، « لَعَنَ رسُولُ اللَّهِ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم آكِلَ الرِّباَ وموكِلهُ » رەسۇلۇللاھ جازانە ئالغۇچى ۋە جازانە بەرگۈچىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ گۇۋاھچىسى ھەم خاتىرىلىگۈچىگە لەنەت قىلدى.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جازانىنىڭ قەتئىي ھارام ئىكەنلىكى، جازانىنى پۈتۈپ بەرگۈچى ۋە گۇۋاھ بولغۇچىغا گەرچە ئۇلار جازانىنى ئۆزى قىلمىغان بولسىمۇ لەنەت ئوقۇلغان يەردە جازانىخور ئەلۋەتتە لەنەتكە تېخىمۇ لايىق.
2) بۇخىل مۇئامىلىدىن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىشتىن بۇ ئىشقا باشقىلارنى قىزىقتۇرۇشتىن چەكلەنگەن.
3) ئىسلام دىنىنىڭ مونوپول قىلىۋېلىش ۋە شەخسىيەتچىلىك ئۈستىگە ئەمەس ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە چىرايلىقچە ئۆتنە-يېرىم قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى.