رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

288. باب رىيانىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاء﴾ ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەييىنە 5- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿لاَ تُبْطِلُواْ صَدَقَاتِكُم بِالْمَنِّ وَالأذَى كَالَّذِي يُنفِقُ مَالَهُ رِئَاء النَّاسِ﴾ ... فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُ وَابِلٌ فَتَرَكَهُ صَلْدًا بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار، بۇنداق (پۇل-مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا-چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 264- ئايەت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِذَا قَامُواْ إِلَى الصَّلاَةِ قَامُواْ كُسَالَى يُرَآؤُونَ النَّاسَ وَلاَ يَذْكُرُونَ اللّهَ إِلاَّ قَلِيلاً﴾ ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ. (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ). (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ) ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئىتىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 142- ئايەت)

1616. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « قَالَ اللَّه تعَالى: أنَا أغْنى الشُّرَكَاءِ عَنِ الشِّركِ، منْ عَملَ عَمَلا أشْركَ فيهِ مَعِى غَيْرِى، تَركْتُهُ وشِرْكَهُ » « ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: مەن شېرىك كەلتۈرگۈچىنىڭ شېرىكىدىن ئەڭ بىھاجەتمەن، كىم مەندىن باشقا نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىپ بىر ئەمەلنى قىلسا، ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ شېرىكى بىلەن بىللە قالدۇرىمەن (يەنى مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق ساۋاب بەرمەيمەن) » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىبن ئەللان ئېيتىدۇ: رىيانىڭ ئورنىغا شىرىك دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش رىيانىڭ مەخپي شېرىك ئىكەنلىكىدىندۇر. گەرچە رىيا ئىماننىڭ ئەسلىي يىلتىزىنى تەۋرىتەلمىسىمۇ لېكىن ئىمانغا بېقىندى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.

1617. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إنَّ أوَّلَ النَّاسِ يُقْضَى يوْمَ الْقِيامَةِ عَليْهِ رجُلٌ اسْتُشْهِدَ، فَأُتِىَ بِهِ، فَعرَّفَهُ نِعْمَتَهُ، فَعَرفَهَا، قالَ: فَمَا عَمِلْتَ فِيها؟ قَالَ: قَاتَلْتُ فِيكَ حَتَّى اسْتُشْهِدْتُ: قالَ كَذَبْت، وَلكِنَّكَ قَاتلْتَ لأنَ يُقالَ جَرِيء، فَقَدْ قِيلَ، ثُمَّ أُمِرَ بِهِ فَسُحِبَ عَلى وَجْهِهِ حَتَّى أُلْقِىَ في النَّارِ. وَرَجُل تَعلَّم الْعِلّمَ وعَلَّمَهُ، وقَرَأ الْقُرْآنَ، فَأتِىَ بِهِ، فَعَرَّفَهُ نِعَمهُ فَعَرَفَهَا. قالَ: فمَا عمِلْتَ فِيهَا؟ قالَ: تَعلَّمْتُ الْعِلْمَ وَعَلَّمْتُهُ، وَقَرَأتُ فِيكَ الْقُرآنَ، قَالَ: كَذَبْتَ، ولكِنَّك تَعَلَّمْت الْعِلْمَ وَعَلَّمْتَهُ ليقال: عالم، وقَرَأتَ الْقرآن لِيقالَ: هو قَارِىءٌ، فَقَدْ قِيلَ، ثُمَّ أمِرَ، فَسُحِبَ عَلى وَجْهِهِ حَتَّى أُلْقِىَ في النَّارِ، وَرَجُلٌ وسَّعَ اللَّه عَلَيْهِ، وَأعْطَاه مِنْ أصنَافِ المَال، فَأُتِى بِهِ فَعرَّفَهُ نعمَهُ، فَعَرَفَهَا . قال: فَمَا عَمِلْت فيها؟ قال: ما تركتُ مِن سَبيلٍ تُحِبُّ أنْ يُنْفَقَ فيهَا إلاَّ أنْفَقْتُ فيها لَك. قَالَ: كَذَبْتَ، ولكِنَّكَ فَعَلْتَ ليُقَالَ: هو جَوَادٌ فَقَدْ قيلَ، ثُمَّ أمِرَ بِهِ فَسُحِبَ عَلَى وجْهِهِ ثُمَّ ألْقِىَ في النار » « قىيامەت كۈنى تۇنجى بولۇپ سوئال-سوراق قىلىنىدىغان كىشى، شەھىد بولغان كىشىدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيادا بەرگەن نېئمەتلەرنى ئەسلىتىدۇ، ئۇمۇ ئەسلەيدۇ. ئاللاھ: ‹ئۇ نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟›، دەيدۇ. ئۇ كىشى: ‹سېنىڭ يولۇڭدا كۈرەش قىلىپ شەھىد بولدۇم›، دەيدۇ. ئاللاھ ئۇ كىشىگە: ‹سەن يالغان ئېيتتىڭ، سەن باتۇر ئاتىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدىڭ ۋە ئاتالدىڭ›، دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئاندىن ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن، قۇرئان ئوقۇغان كىشى كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن نېئمىتىنى تونۇتىدۇ، ئۇ تونۇيدۇ، ئاللاھ: ‹بۇ نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟›، دەيدۇ. ئۇ: ‹ئىلىم ئۆگەندىم ۋە ئۆگەتتىم. سېنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇدۇم›، دەيدۇ. ئاللاھ: ‹يالغان ئېيتتىڭ، سەن بولساڭ باشقىلار مېنى ئالىم دېسۇن دەپ ئۆگەندىڭ، قۇرئاننى قارىي دېسۇن دەپ ئوقۇدۇڭ ھەم شۇنداق دېيىلدىڭ›، دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تۈرلۈك مال-مۈلۈكلەرنى بېرىپ دۆلەتمەن قىلغان كىشى كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن نېئمىتىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاللاھ: ‹شۇ نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟›، دەيدۇ. ئۇ كىشى: ‹مەن سېنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن سەن پۇل سەرپ قىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىكى يوللارنىڭ ھەممىسىگە پۇل-مال سەرپ قىلدىم›، دەيدۇ. ئاللاھ: ‹يالغان ئېيتتىڭ، سەن بولساڭ كىشىلەر مېنى سېخىكەن دېسۇن، دەپ پۇل-مال سەرپ قىلدىڭ›، دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) رىيا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان، قىيامەت كۈنى تۇنجى قېتىم رىيا ئىشلاردىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ رىياكارلارغا رەسۋاچىلىق ۋە ھەسرەت-نادامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى.

2) ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇنداقلا ئەمەل قىلىپ قويۇشنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكى، بەلكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.

1618. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كىشىلەر ئۇنىڭغا: « بىز سۇلتانلىرىمىزنىڭ ئالدىغا كىرگەندە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپلا ئەكسىچە گەپلەرنى قىلىمىز »، د ېگەندە، ئابدۇللاھ: « بىز ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىسىدا مۇناپىقلىق دەپ سانايتتۇق »، د ېگەن.

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

1619. جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جۇندۇب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: « مَن سَمَّعَ سَمَّعَ اللَّه بِهِ، ومَنْ يُرَاَئِى اللَّه يُرَئِى بِهِ » « كىمكى ئەمىلىنى باشقىلار ئاڭلىسۇن دەپ قىلىدىكەن. ئاللاھ ئۇنىڭ بۇزۇق نىيىتىنى قىيامەت كۈنى خالايىق ئالدىدا ئاشكارىلاپ، ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ. كىمكى ئەمىلىنى باشقىلار كۆرسۇن دەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: رىيا ۋە ئابرويپەرەسلىكتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئاللاھ تائالانىڭ رىياكار ۋە ئابرويپەرەسلەرنى رەسۋا قىلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.

1620. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ تَعَلَّم عِلْماً مِمَّا يُبْتَغَى بِهِ وَجْهُ اللَّهِ عَزَّ وَجَلَّ لا يَتَعَلَّمُهُ إلاَّ لِيُصِيبَ بِهِ عَرَضاً مِنَ الدُّنْيَا، لَمْ يَجِدْ عَرْفَ الجَنَّةِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ » « كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى دۇنيالىق غەرەز ئۈچۈن ئۆگەنسە، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ھىدىنى پۇرىيالمايدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەرىئەت ئىلىملىرىنى تەلەپ قىلىشتا ئاللاھقا خالىس نىيەتتە ئۈگەنمەسلىكتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. دىننى ۋاسىتە قىلىپ دۇنيا تېپىشنىڭ قىيامەت كۈنى جەننەتتىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى، جەننەتنىڭ ھىدىنى ھىدلىيالماسلىق دېگەنلىك ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇ شۇ قىلمىشىغا لايىق ئازاب تارتىپ بولۇپ جەننەتكە كىرىدۇ دېگەنلىك. بۇ خۇددى دۇنيادا شاراب ئىچىش ئاخىرەتتە جەننەت شارابىنى ئىچىشتىن ۋە دۇنيادا يىپەك رەختتىن كىيىم كىيىش ئاخىرەتتە يىپەك كىيىشتىن مەھرۇم قىلىنىشقا ئوخشايدۇ.

2) دۇنيا مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ جەننەت ھىدىدىن مەھرۇم قېلىشىدىكى ھېكمەت: ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى ئىلىمنى پەقەت ئەرزىمەس دۇنيا مەنپەئىتىنى دەپ تەلەپ قىلغان ۋە ئەڭ ياخشىسىنى ئەڭ پەس نەرسىگە ئالماشتۇرغان، نەتىجىدە ئۇ تېخىمۇ ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن ئالىي ھىممەتلىكلەرگە تەييارلانغان نەرسىلەردىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشقا مۇناسىپ بولغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ