289. باب رىيا دەپ قارىلىدىغان، ئەمما رىيا ئەمەس ئىشلار توغرىسىدا
1621. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھقا: « ئى رەسۇلۇللاھ! بىر ئادەم بىر ياخشى ئىشنى قىلسا، بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى ماختىسا بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟»، دېيىلگەنىدى. رەسۇلۇللاھ: « تِلْكَ عاجِلُ بُشْرَى المُؤْمِنِ » « بۇ بولسا مۇئمىن ئۈچۈن ئالدىنئالا بىرىلگەن خۇش بېشارەتتۇر »، د ېدى.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە قۇربەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن خالىس نىيەتتە قىلىنغان ئىشلارغا كىشىلەرنىڭ مەدھىيە سانالىرى تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ كىشىلەرنىڭ تىللىرىنى ئۇنى مەدھىيلەشكە مۇيەسسەر قىلىشى ئۇنىڭ ئىشىنىڭ مەقبۇل بولغانلىقىنىڭ دەلىلى ۋە ھەقلىق رەۋىشتە قىلىنغان گۇۋاھلىقتۇر، شۇنداقلا ئۇ ئادەمنىڭ نىجاتلىققا ۋە سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىدىن ئالدىن بىرىلگەن بېشارەتتۇر.