290. باب ئاياللارغا، كېلىشكەن يىگىتلەرگە دىنىي زۆرۈرىيەت بولمىغان شارائىتتا قاراشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ﴾ مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 30- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولـئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْؤُولاً﴾ (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى)نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال سوراق قىلىنىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 36- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَعْلَمُ خَائِنَةَ الْأَعْيُنِ وَمَا تُخْفِي الصُّدُورُ﴾ ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە غافىر 19- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ رَبَّكَ لَبِالْمِرْصَادِ﴾ پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە فەجىر 14- ئايەت)
1622. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كُتِبَ على ابْنِ آدم نَصِيبُهُ مِنَ الزِّنَا مُدْرِكٌ ذلكَ لا محالَةَ: الْعَيْنَانِ زِنَاهُمَا النَّظَرُ، والأُذُنَانِ زِنَاهُما الاستِماعُ، واللِّسَانُ زِنَاهُ الْكَلامُ، وَالْيدُ زِنَاهَا الْبَطْشُ، والرَّجْلُ زِنَاهَا الخُطَا، والْقَلْب يَهْوَى وَيَتَمنَّى، ويُصَدِّقُ ذلكَ الْفرْجُ أوْ يُكَذِّبُهُ » « ئادەم بالىسىغا زىنا قىلىش پۈتۈلگەن بولسا ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ. ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر. ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزنى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزنى قىلىشتۇر، قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر. پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر، كۆڭۈل زىناسى خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ. جىنسى ئەزا بۇ خاھىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: زىنا ۋە ئۇنىڭغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى تەرك ئىتىش كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تَقْرَبُواْ الزِّنَى إِنَّهُ كَانَ فَاحِشَةً وَسَاء سَبِيلاً﴾ زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 32- ئايەت) دېمەك، زىنا قىلىش ئەمەس، بەلكى زىناغا يېقىنلاشماسلىقمۇ بەك تەكىتلىنىدۇ.
ئىبن بەتتال ئېيتىدۇ: ھەدىستە سۆزلەنگەن ئىشلار ھەممىسى زىناغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار بولغاچقا ھەممىسىگە زىنا دېگەن سۆز ئىشلىتىلدى.
1623. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إيَّاكُمْ والجُلُوسِ في الطُّرُقَاتِ » « كوچىلاردا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار » ، دېگەندە كىشىلەر: « ئۇ يەردە ئولتۇرمىساق بولمايدۇ، چۈنكى كوچىلار بىزنىڭ ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىشىدىغان جايىمىز » ، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: « فإذا أبَيْتُمْ إلاَّ المجْلِسَ، فأَعْطُوا الطَّرِيقَ حَقَّهُ » « كوچىلاردا يەنىلا ئولتۇرۇۋېرىدىغان بولساڭلار، كوچىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ ئولتۇرۇڭلار » ، دېدى. ئۇلار: « كوچىنىڭ ھەققى نېمە؟»، دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: « غَضَّ البصر، وكَفُّ الأذَى، وردُّ السَّلامِ، والأمْرُ بِالمَعْرُوفِ والنَّهىُ عنِ المُنْكَرِ » ، « كوچىنىڭ ھەققى ھارامدىن كۆزىنى يىغىش، كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، سالام بەرگەنلەرنىڭ سالامىنى ئىلىك ئېلىش، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسوش » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يولدا ئولتۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. چۈنكى، يول يامان ئىشلار ۋە گۇناھنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە سەۋەبچى بولىدىغان ئورۇن.
2) جامائەت مۈلكىنى ئاسراش، جامائەت مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىق، مۇسۇلمان كىشى ھەردائىم كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا چاقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش بىلەن بولۇش كېرەك، يولۇچىلار ماڭىدىغان يوللارنى تارلاشتۇرماسلىق كېرەك.
1624. ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئۆيىمىزنىڭ سەيناسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانىدۇق، رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئۈستىمىزدە تۇرۇپ: « مالكُمْ وَلمَجالِسِ الصُّعُداتِ؟ « سىلەرگە نېمە بولدى، يولدا ئولتۇرۇپسىلەر؟ يوللاردا ئولتۇرماڭلار »، د ېدى. بىز: « ئى رەسۇلۇللاھ، بىز يامان ئىشلار بىلەن ئولتۇرمىدۇق، ئۆزئارا مۇزاكىرلىشىپ ۋە سۆزلىشىپ ئولتۇردۇق »، د ېسەك. رەسۇلۇللاھ: «« إما لا فَأدُّوا حَقَّهَا: غَضُّ البصرِ، ورَدُّ السَّلام، وحُسْنُ الكَلام » « ئولتۇرمىسا بولمايدىغان ئىش بولسا يولنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ ئولتۇرۇڭلار، يولنىڭ ھەققى نامەھرەمدىن كۆزنى يىغىش، سالام قايتۇرۇش ۋە ياخشى گەپلەرنى قىلىش »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يوللاردا-يول ھەققىنى ئادا قىلىش ۋە مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرىغا ئەمەل قىلىش شەرتى ئاستىدا ئولتۇرۇشقا بولىدىغانلىقى. بۇ ھەدىس ۋە يۇقىرىقى ھەدىسلەردە مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئەدەپلىرىدىن: ھارامدىن كۆز يۇمۇش، ئازار بەرمەسلىك، سالام قايتۇرۇش، ياخشى سۆزلەرنى قىلىش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن تۇسۇش سۆزلەنگەن.
1625. جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر نامەھرەمگە ئۇشتۇمتۇت قاراپ قېلىش توغرۇلۇق سورىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا بۇيرۇق قىلىپ: « اصْرِفْ بصَرَك » « تېز باشقا تەرەپكە قارىۋالغىن »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە قاراش ھارام بولغان نەرسىگە مەخسەتسىز ھالدا كۆز چۈشۈپ قالغان بولسا كۆزنى دەرھال تارتىۋالماي قاراۋېرىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.
1626. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەيمۇنە ئىككىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا ئىدۇق، ئابدۇللاھ ئىبن ئۇممۇ مەكتۇم كەپقالدى. بۇ بىز ھىجاپقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن بولغان ئىش ئىدى. رەسۇلۇللاھ بىزگە: « احْتَجِبا مِنْهُ » « ئۆزۈڭلارنى دالدىغا ئېلىڭلار »، د ېدى. بىز: « ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇ بىزنى كۆرەلمەيدىغان ۋە تونۇيالمايدىغان ئەما ئەمەسمۇ؟»، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: « أفَعَمْياوَانِ أنْتُما ألَسْتُما تُبصِرانِهِ؟ » « سىلەرمۇ ئەمامۇ؟ سىلەرمۇ ئۇنى كۆرەلمەمسىلەر؟»، دېدى.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئاياللىرىنى ئەما كىشىدىن ھىجابلىنىشقا بۇيرۇغانلىقى ئۇ ئاياللارنى ھۆرمەتلىگەنلىك يۈزىسىدىن بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا يات ئەما كىشىگە قاراشنىڭ ھارام قىلىنىشى، قاراشتىن كېلىپ چىقىدىغان پىتنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولغان.
1627. ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَنْظُرُ الرَّجُلُ إلى عوْرةِ الرَّجُلِ، وَلا المَرْأةُ إلى عوْرَةِ المَرْأةِ، ولا يُفْضِى الرَّجُلُ إلى الرَّجُلِ في ثوبٍ واحِدٍ، ولا تُفْضِى المَرْأةُ إلى المَرْأةِ في الثَّوْبِ الواحِدِ » « ئەر-ئەرنىڭ، ئايال-ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، بىر ئەر يەنە بىر ئەر بىلەن، بىر ئايال يەنە بىر ئايال بىلەن بىر يوتقاندا ياتمىسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يات جىنىسلىقلار ئەمەس ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭمۇ ئۆزئارا ئەۋرەتلىرىگە قاراشتىن نەھيى قىلىنغان.
2) ئىسلام دىنىنىڭ كوللېكتىپ تازىلىققا ۋە زىناغا ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق سەۋەبلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھېرىس ئىكەنلىكى.
3) ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى (كىندىكتىن باشلاپ تىزنىڭ ئاستىغىچە)گە قاراشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. يات ئەرگە نىسبەتەن ئايال كىشىنىڭ يۈزى ۋە ئىككى ئالىقىنىدىن باشقا ھەممە ئەزاسى ئەۋرەت ھېسابلىنىدىغانلىقى.
4) ئىمام نەۋەۋى ئېيتىدۇ: ئايال كىشى مەيلى پىتنىدىن ئەمىن بولالىسۇن، يا ئەمىن بولالمىسۇن ئەمدى يىتىلىۋاتقان چىرايلىق، كېلىشكەن بالىغا قارىسا ھارام بولىدۇ.