291. باب يات ئايال بىلەن يالغۇز تۇرۇشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاء حِجَابٍ﴾ سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 53- ئايەت)
1628. ئۇقبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ: « إيَّاكُمْ وَالدُّخُولَ عَلَى النِّسَاءِ » « نامەھرەم ئاياللارنىڭ يېنىغا كىرمەڭلار »، د ېۋىدى. مەدىنىلىك ساھابىلەردىن بىرى: « ئېرىنىڭ قېرىنداشلىرى كىرسىچۇ؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « الْحمْوُ المَوْتُ » « ئەرنىڭ قېرىنداشلىرى كىرسىغۇ ھالاك بولغاننىڭ ئۆزى شۇ » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىسلام دىنىنىڭ ئىسلام جامەئەسىنىڭ ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ئەخلاقسىزلىق، ھاياسىزلىق، پاھىشە ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش يوللىرىنى توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى.
1629. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَخْلُوَنَّ أحدُكُمْ بِامْرأةٍ إلاًَّ مَعَ ذِي مَحْرَمٍ » « سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلار قېشىدا مەھرىمى بولمىغان ئايال بىلەن بىر يەردە خالىي تۇرمىسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1630. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « حُرْمةُ نِساءِ المُجاهِدِينَ علَى الْقَاعِدِينَ كَحُرْمةِ أمهاتِهمْ، ما مِنْ رجُل مِنْ الْقَاعِدِين يخْلُفُ رجُلاً مِنَ المُجاهدينَ في أهلِهِ، فَيَخُونُهُ فِيهِم إلاَّ وقَف لهُ يَوْم الْقِيامةِ، فَيأخُذُ مِن حسَناتِهِ ما شَاءَ حَتَّى يَرضي » « مۇجاھىدلارنىڭ ئاياللىرى جىھادقا چىقمىغانلارغا نىسبەتەن ئانىسى ھارام بولغىنىدەك ھارامدۇر. ھەرقانداق بىر جىھادقا چىقمىغان كىشى، مۇجاھىدنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قويۇلۇپ، ئۇ مۇجاھىدنىڭ ئەھلىگە خىيانەت قىلسا، خىيانەت قىلغۇچى قىيامەت كۈنى مۇجاھىد ئۈچۈن تۇرغۇزۇپ قويۇلىدۇ. ئاندىن مۇجاھىد تاكى رازى بولغۇچىلىك خىيانەتچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن خالىغىنىچە ئېلىۋالىدۇ » . رەسۇلۇللاھ بىزگە قاراپ: « ما ظَنُّكُمْ؟ » « سىلەر قانداق ئويلايسىلەر »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.