رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

292. باب كــىيىم-كېــچەك ۋە يـۈرۈش-تۇرۇشــتا ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش بولۇۋېلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

1631. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا ئوخشاش بولۇۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشاش بولۇۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: رەسۇلۇللاھ ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلدى، دېيىلگەن.

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەرلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەت، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش تۇرۇش، ياسىنىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللارغا خاس ئادەت مىجەزلەردە ئاياللارغا ئوخشىۋىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. ئاياللارنىڭمۇ ھەم يۇقىرىقى ئىشلاردا ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

2) ئالىملار ئېيتىدۇ: ھەدىستىكى لەنەت سۆزى ئوخشىشىۋېلىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

ئەرنىڭ ئايالغا ئايالنىڭ ئەرگە ئوخشىۋېلىشىنىڭ ھاراملىقىدىكى ھېكمەت: ھەر بىر ئوخشىۋېلىش ئاللاھ تائالا ياراتقان ئۆزلىرىنىڭ تەبىئى خاراكتېرىدىن چەتنەش بولۇپ، خاس روھىيەتكە تەھدىد بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

1632. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئايالچە كىيىم كىيىۋالغان ئەرگە ۋە ئەرەنچە كىيىم كىيىۋالغان ئايالغا لەنەت قىلدى » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەرلەرنىڭ ئايالچە، ئاياللارنىڭ ئەرچە كىيىم كىيىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

2) ئەر-ئاياللارنىڭ كىيىم كېچەكتە بىر-بىرىگە ئوخشىۋېلىشى ھەر بىرىنىڭ ئەرلىك تەبىئىتى ۋە ئاياللىق تەبىئىتىدىن چەتلەش، خاسلىقىنى ساقلىماسلىق، ئىككى جىنىسنىڭ ئۆز ئالدىغا خاس بولغان ئالاھىدىلىكى ۋە ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش ۋە قارىغۇلارچە دورامچىلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق قىلىش پەقەت ئىسلامنىڭ توغرا كۆرسەتمىلىرىدىن ۋە پەيغەمبەر سۈننەتلىرىدىن چىققانلىقلا بولماستىن ئىنساننىڭ ئەسلىي خاراكتېر ۋە تەبىئىتىدىن تايغانلىق، ئۆز ئىززەت شەرىپى ۋە قەدىر قىممىتىنى يوقاتقانلىقتۇر.

1633. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « صِنْفَانِ مِنْ أهلِ النَّارِ لمْ أرَهُما: قَوْمٌ معهم سِياطٌ كأذْنَابِ الْبقَرِ يَضْرِبونَ بِها النَّاس، ونِساء كاسياتٌ عارِياتٌ مُمِيلاتٌ مَائِلاتٌ، رُؤُوسُهُنَّ كَأسْنِمةِ الْبُخْتِ المائِلَةِ لا يَدْخٌلنَ الجنَّةَ، ولا يجِدْنَ رِيحَهَا، وإنَّ رِيحَهَا لَيُوجَدُ مِنْ مسِيرَةِ كذَا وكَذَا » « ئىككى گوروھ دوۋزىخىي ئادەملەر باردۇركى، (مەن ئۇلارنى دوزاختا كۆرىۋېدىم) ئۇلارنى دۇنيادا كۆرۈپ باقمىدىم. بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشىلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن، ئۆزلىرىمۇ ئېزىپ باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدىغان، باشلىرىدىكى چاچلىرى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئاياللار بولۇپ، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. جەننەتنىڭ پۇرىقى يىراق جايلاردىنمۇ پۇراپ تۇرىدۇ. » ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرنى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ئۇرۇش ياكى ئازار بېرىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلايدىغان، ئۇلارنى قۇل ئورنىدا كۆرىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەرخىل زۇلۇم ئارقىلىق قىينايدىغان كىشىلەر بولسا دىندىن يىراقلاشقان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى جازاسى خارلىق، ئاخىرەتتە بولسا دوزاخ ئازابى بولىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ