293. باب شەيتانغا ۋە يەھۇدى، ناسارالارغا ئوخشاپ قېلىشتىن چەكلەش توغرىسىدا
293. باب شەيتانغا ۋە يەھۇدى، ناسارالارغا ئوخشاپ قېلىشتىن چەكلەش توغرىسىدا
1634. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تأْكُلُوا بِالشِّمَالِ، فَإنَّ الشَّيْطَانَ يأكُل ويَشْرَبُ بِشِمالِهِ » « سول قولۇڭلار بىلەن يېمەڭلار، چۈنكى شەيتان سول قولى بىلەن يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ» .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سول قولدا يېيىش ۋە ئىچىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇ شەيتاننىڭ ئادىتى ئىكەنلىكى، بۇنداق قىلسا شەيتانغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقى.
2) ئوڭ قولدا يېيىش-ئىچىشكە ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىياس قىلىش مۇمكىن. ياخشى ئىشلاردا ئوڭ قولىنى ئىشلىتىش، ئەكسىچە پاسكىنا نەرسىلەرگە سول قولنى ئىشلىتىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى، شەيتاننىڭ پەس ۋە پاسكىنا بولغاچقا يۇقىرىقىنىڭ تەتۈرسىنى قىلىدىغانلىقى.
3. شەيتاننىڭ ئىشلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەرك ئېتىش.
1635. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَأْكُلَنَّ أحدُكُمْ بِشِمالِهِ، وَلا يَشْربَنَّ بِهَا . فَإنَّ الشَّيْطَانَ يَأْكُلُ بِشِمالِهِ وَيشْربُ بِهَا » « بىرەرسىڭلار ھەرگىزمۇ سول قولى بىلەن تاماق يېمىسۇن ۋە ئىچمىسۇن، چۈنكى شەيتان سول قولى بىلەن يەپ-ئىچىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1636. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ الْيهُود والنَّصارى لا يَصْبِغُونَ، فَخَالِفوهُمْ » « يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار دەرۋەقە ساقاللىرىنىڭ ئاقلىرىنى بويىمايدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ ئەكسىنى قىلىڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) چاچ-ساقال ۋە ياكى باشقا يەرلەرنى خېنە بىلەن بويىسا بولىدىغانلىقى.
2) يەھۇدىي-ناسارالارنى ئەنئەنە، ئادەت ۋە كىيىنىش-تاشقى قىياپەت جەھەتتە دورىماسلىق كېرەكلىكى، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارغا خاس ئوبرازىنى ساقلاشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.