295. باب چاچنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈپ، بىر قىسمىنى چۈشۈرمەي قالدۇرۇشتىن مەنئى قىلىش ۋە ئاياللار ئۈچۈن ئەمـەس، ئـەرلـەر ئـۈچـۈن چـاچنــىڭ ھەممــىسىــنى چۈشۈرۈشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا
1638. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ چاچنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈپ، بىر قىسمىنى قويۇپ قويۇشتىن مەنئى قىلغان. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1639. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ چېچىنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈپ، بىر قىسمى قالدۇرۇلغان بىر كىچىك بالىنى كۆرۈپ مۇنداق قىلىشتىن مەنئى قىلغان ھەمدە: « احْلِقُوهُ كُلَّهُ أو اتْرُكُوهُ كُلَّهُ » « ئۇنىڭ چېچىنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار ياكى ھەممىسىنى قويۇڭلار »، د ېگەن.
― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: چاچنىڭ بىر قىسمىنى قويۇپ بىر قىسمىنى ئېلىشتىن قاتتىق چەكلىگەن. بۇنىڭدىكى ھېكمەت: بۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان خىلقىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەھلى كىتابلارغا ئوخشىۋېلىش بولىدىغانلىقى، چۈنكى بۇ ئەھلى كىتاب راھىبلىرىنىڭ ۋە پاسىق كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى ئىكەنلىكى. لېكىن، داۋالىنىش ياكى بىرەر ئۆزرە تۈپەيلى شۇنداق قىلسا جائىز ئىكەنلىكى.
1640. ئابدۇللاھ ئىبن جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھقا جەئفەرنىڭ شەھىد بولغانلىق خەۋىرى يەتكەندە (ھازا يۈزىسىدىن) جەئفەر ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردى. ئاندىن ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ: « لا تَبْكُوا على أخِى بَعْدَ الْيوم » « بۈگۈندىن ئېتىبارەت قېرىندىشىمغا يىغلىماڭلار » ، دېدى. ئاندىن: « ادْعُوا لي بَنِيَّ أخِى » « ماڭا قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بېرىڭلار » ، دېدى. بىز خۇددى بىچارە باچكىلاردەك رەسۇلۇللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەلتۈرۈلدۇق. رەسۇلۇللاھ: « ادْعُوا لي الحلاَّقَ » « ماڭا ساتىراچ چاقىرىپ بېرىڭلار »، د ېدى. ساتىراچقا بۇيرۇپ بىزنىڭ چاچلىرىمىزنى چۈشۈرگۈزىۋەتتى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) باشتىكى چاچنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرۈشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەندە ياكى چۈشۈرمىگەندە بولسۇن تولۇق بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى.
2) مىيىت ئەھلىگە بولۇپمۇ ئاللاھ يولىدا شەھىد بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارغا غەم-قايغۇلىرىنى يېنىكلىتىدىغان ياخشى سۆزلەرنى قىلىش.
3) مىيىتكە ياقا يىرتماي، ئۆزىنى كاچاتلىماي ۋە ھارام ئىشلارنى قىلماي يىغلىسا بولىدىغانلىقى.
4) ئېرىدىن باشقا كىشىلەرگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتسا بولمايدىغانلىقى.
1641. ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئاياللارنى چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىشتىن چەكلىگەن. ― نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئايال كىشىنىڭ چاچ چۈشۈرۈشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالا ياراتقان خىلقەتنى ئۆزگەرتىشكە كىرىدىغانلىقى، ئەگەر داۋالىنىش يۈزىسىدىن ياكى باشقا پۇت تېرەپ تۇرالايدىغان ئۆزرىسى بولسا، ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش بىلەن جائىز بولىدىغانلىقى.