296. باب چاچ ئۇلاش، مەڭ چېكىش ۋە چىش ياسىتىشنىڭ (يەنى ساق چىشنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ئىكەكلىتىپ ئەسلىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىش) ھاراملىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِن يَدْعُونَ مِن دُونِهِ إِلاَّ إِنَاثًا وَإِن يَدْعُونَ إِلاَّ شَيْطَانًا مَّرِيدًا﴾ ﴿لَّعَنَهُ اللّهُ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنْ عِبَادِكَ نَصِيبًا مَّفْرُوضًا﴾ ﴿وَلأُضِلَّنَّهُمْ وَلأُمَنِّيَنَّهُمْ وَلآمُرَنَّهُمْ فَلَيُبَتِّكُنَّ آذَانَ الأَنْعَامِ وَلآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللّهِ﴾ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. شەيتان ئېيتتى: مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساننى ئىگىلەيمەن، شۇنداقلا ئۇلارنى چوقۇم ئازدۇرىمەن. ئۇلارنى خام-خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن). ئۇلارنى چوقۇم چاھارپايلارنىڭ (بۇتلارغا نەزىر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ قويدۇرۇشقا ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 117 ~ 119-گىچە بولغان ئايەتلەر)
1642. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئايال رەسۇلۇللاھتىن: « ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ قىزىمغا چېچەك چىقىپ چېچى چۈشۈپ كەتتى. مەن ئۇنى ياتلىق قىلماقچىدىم، ئۇنىڭغا (چۈشكەن چاچلىرىنىڭ ئورنىغا) چاچ سېلىپ بەرسەم بولامدۇ؟»، دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: « لَعَنَ اللَّه الْواصِلة والْمَوصولة » « چاچ ساتقۇچى ۋە چاچ سالدۇرغۇچىغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن »، د ېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىشىلەر ئارىسىدا يامان ئىشلارنىڭ تارقىلىشى ۋە ئايرىم كىشىلەرنىڭ يامان ئىشلارنى ئىنكار قىلماسلىقى ھالاكەتكە ۋە ئاللاھتىن بولغان ھەممىنىڭ بېشىغا تەڭ كېلىدىغان ئازابقا دۇچار بولۇشقا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى
2) ئىسلام دىنى بولۇپمۇ ئاياللارنى گۇناھ ئىشلارنى قىلىشتىن ۋە ئارتۇقچە ياسانچۇقلۇق قىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
3) چاچ سېتىش يالغان چاچ ياساشقا سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغان چاچنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلۈكلەرنىڭ چېچىدىن ياسىلىدىغان بولغاچقا، كېسەللىك مېكروبلىرىنىڭ يۇقۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
1643. ھۇمەيد ئىبن ئابدۇراھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەجگە كەلگەن يىلى مۇنبەرگە چىقىپ تۇرۇپ، مۇھاپىزەتچىنىڭ قولىدىكى بىر تۇتام چاچنى قولىغا ئېلىپ: « ئى مەدىنە خەلقى! سىلەرنىڭ ئالىملىرىڭلار قېنى؟ مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق ئىشتىن مەنئى قىلىپ: ‹ إنًَّمَا هَلَكَتْ بنُو إسْرَائِيل حِينَ اتَّخَذَهَا نِسَاؤُهُمْ › ‹ئاياللار مۇشۇنداق ئىشنى قىلغاچقا بەنى ئىسرائىل ھالاك بولۇپ كەتكەن›، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىمام شافىئىي ئېيتىدۇ: «مەڭ چەككەن ئورۇن پاسكىنا بولۇپ، ئۇ مەڭنى ئەسلىي ئورۇنغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەي ئېلىۋېتىش كېرەك، ئەگەر مەڭنى ئېلىۋېتىشقا ھېچقانداق توسالغۇ بولمىغان شارائىتتا مەڭنى يوقاتماي كېچىكتۈرۈپ قويۇش گۇناھ ھېسابلىنىدۇ».
1644. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « رەسۇلۇللاھ چاچ سالغۇچى، چاچ سالدۇرغۇچى، مەڭ چەككۈچى، مەڭ چەكتۈرگۈچىگە لەنەت قىلغان » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1645. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ: مەڭ چەككۈچى، مەڭ چەكتۈرگۈچى، قاش تەردۈرگۈچى، چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن چىشلىرىنى ياسىتىپ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي ھالەتنى ئۆزگەرتكۈچى ئاياللارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن »، د ېۋىدى. بىر ئايال ئىبن مەسئۇدقا ئېتىزار بىلدۈردى. ئىبن مەسئۇد: « رەسۇلۇللاھ لەنەت قىلغان كىشىگە نېمىشقىمۇ لەنەت قىلماي. ھالبۇكى، مۇنداق لەنەت قىلىش ئاللاھنىڭ كىتابىدا تۇرسا، ئاللاھ تائالا: ﴿وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا﴾ پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى ئېلىپ كەلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار، سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىڭلار («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەشر 7- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ، دېگەن تۇرسا » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىستە چەكلەنگەن مەڭ چەكتۈرۈش بولسا قاشنى چەكتۈرۈش، قاپاقنى چەكتۈرۈش ۋە لەۋنى چەكتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.