297. باب ساقالغا ۋە باشقا كىرگەن ئاقنى يۇلۇۋېتىشتىن مەنئى قىلىش ۋە ياش ئوغلاننىڭ تۇنجى چىققان ساقىلىنى تېرىۋېتىشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
1646. ئەمر ئىبن شۇئەيب ئاتىسىدىن، ئاتىسى ئۇنىڭ ئاتىسىدىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لاَ تَنْتِفُوْا الشَّيْبَ فَإِنَّهُ نُوْرُ الْمُسْلِمِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ » « ساقالنىڭ ئېقىنى يۇلماڭلار، چۈنكى ئۇ مۇسۇلماننىڭ قىيامەت كۈنىدىكى نۇرىدۇر » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: چاچ ئارىسىغا ئۈنگەن ئاق چاچلارنى يۇلىۋېتىشتىن چەكلىگەن، چۈنكى ئاق چاچ ئۆمۈرنىڭ ئۇزارغانلىقى ۋە ياشانغانلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئاخىرەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە يەنە ئىسلام دىنىدا «چېچى ئاقارغان كىشىنى ئاللاھ تائالا ئازابلاشتىن ھايا قىلىدۇ»، دېگەن گەپمۇ بار.
1647. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ عمِل عملاً لَيْس عليهِ أمْرُنَا فهُو رَدُّ » « كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق بىرەر ئىشنى قىلسا ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.