رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

298 باب ئۆزرىسىز ئوڭ قول بىلەن ئىستىنجا قىلماسلىق، ئىستىنجا قىلغان ۋاقتىدا ئوڭ قول بىلەن ئەۋرەتنى تۇتماسلىق توغرىسىدا

1648. ئەبۇ قاتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذَا بال أحدُكُمْ، فَلاَ يأْخُذَنَّ ذَكَرهُ بِيَمِينِهِ، وَلاَ يسْتَنْجِ بِيمِينِهِ، ولاَ يتنَفَّسْ في الإنَاءِ » « سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىچىك تەرەت قىلغاندا ئەۋرىتىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتمىسۇن، ئوڭ قولى بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن ۋە تاماق قاچىسىغا تىنمىسۇن » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئوڭ قولداتاماق يەيدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە ئوڭ قولنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ئوڭ قولدا ئىستىنجا قىلىش، ئەۋرەتنى تۇتۇش ۋە ھەرقانداق نىجىس نەرسىلەرنى تۇتۇشتىن ساقلىنىش.

2) سۇ ئىچىۋېتىپ قاچىغا تىنىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

3) ئەگەر سول قولدا بىرەر ئىللەت بولۇپ ئۆزرىسى بولغان چاغدا، پاسكىنا نەرسىلەرنى تازىلاش ئۈچۈن ئوڭ قولىنى ئىشلەتسە دۇرۇس بولىدۇ.

4) ئىسلام دىنىنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، پاسكىنا نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەيدىغانلىقى، يېيىش، ئىچىش، يۈز كۆرۈشۈشكە ئوخشاش ئېسىل، ياخشى ئىشلارغا ئوڭ قولنىڭ خاس قىلىنغانلىقى، پاكىز بولمىغان ئىشلارغا سول قولنىڭ خاس قىلىنغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ