299. باب سەۋەبسىز بىرپاي ئاياغ ۋە بىرپاي ئۆتۈك ياكى مەيسە بىلەن مېڭىشنىڭ ۋە ئۆرە تۇرۇپ ئاياغ، ئۆتۈك-مەيسە كېيىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1649. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يمْشِ أحدُكُم في نَعْلٍ واحِدَةٍ، لِينْعَلْهُما جمِيعاً، أوْ لِيخْلَعْهُمَا جمِيعاً » « سىلەر بىر پاي ئاياغ كىيىپ يول يۈرمەڭلار، ئىككىلىسىنى كىيىڭلار ياكى ھەر ئىككىلىسىنى كىيمەڭلار »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1650. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلغانىدىم: « إذَا انْقَطَعَ شِسْعُ نَعْلِ أحدِكُمْ، فلا يمْشِ في الأخْرى حتَّى يُصْلِحَهَا » « بىرىڭلارنىڭ ئايىغىنىڭ بىر تاسمىسى ئۈزۈلۈپ كەتسە، ئۇنى ئوڭشىۋالمىغىچە بىرپاي ئاياغ بىلەن ماڭمىسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يەكپاي ھالدا مېڭىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىش كىشىنىڭ تەمكىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ ھەمدە كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماستىن، بەلكى مۆدۈرۈپ-چۇقۇرۇپ ياخشى ماڭالماي قالىدۇ. ئەگەر ئۆزرىسى بولۇپ يەكپاي ئاياغ بىلەن ماڭسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى.
1651. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ ئاياغ كىيىشنى مەنئى قىلغان. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆرە تۇرۇپ ئاياغ كىيىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئولتۇرۇپ ئاياغ كىيىشنىڭ قۇلايلىق ۋە ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى ئولتۇرغاندا ئاياغنى قولى بىلەن كىيەلەيدۇ، ھەمدە قولاشمىغان ھالەتتە زېمىنغا ئېڭىشىشتىن ساقلىنالايدۇ.
2) ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈنۈشتە بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاياغ كىيىشكە چاغلىق ئىشلارغىمۇ ئەدەپ-ئەخلاق نۇقتىسىدىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى.