رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

300. باب كېچىسى ئۆيدىكى ئوت ۋە چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ يېتىش توغرىسىدا

1652. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَتْرُكُوا النَّار في بُيُوتِكُمْ حِين تَنامُونَ » « سىلەر ئۇخلايدىغان چېغىڭلاردا ئۆيۈڭلاردىكى ئوتنى ئۆچۈرۋېتىڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1653. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەدىنىدە بىر ئۆي ئادەملىرى بىلەن قوشۇلۇپ كۆيۈپ كەتتى. بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندە « إنَّ هَذِهِ النَّار عدُوٌّ لكُمْ، فَإذَا نِمْتُمْ فأطْفِئُوها » شۈبھىسىزكى بۇ ئوت سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر، ئۇخلىغان چېغىڭلاردا ئوتنى ئۆچۈرۈپ يېتىڭلار » ، دېگەن.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1654. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « غَطُّوا الإنَاء، وأوْكِئُوا السِّقَاءَ، وَأغْلِقُوا الْباب، وَأطفِئُوا السِّراجِ، فإنَّ الشَّيْطَانَ لا يحِلُّ سِقَاءً، ولاَ يفتَحُ باباً، ولاَ يكْشِفُ إنَاءً، فإنْ لَمْ يجِدْ أحَدُكُمْ إلا أنْ يَعْرُضَ على إنَائِهِ عوداً، ويذْكُر اسْمَ اللَّهِ فَلْيفْعَلْ، فَإنَّ الفُويْسِقَةَ تُضْرِمُ على أهْلِ البيتِ بيْتَهُمْ » « قاچىلارنى يېپىڭلار، تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى چىگىڭلار، ئىشىكنى تاقاپ قويۇڭلار، چىراغنى ئۆچۈرۈڭلار، چۈنكى شەيتان تۇلۇمنى يېشەلمەيدۇ. ئىشىكنى ئاچالمايدۇ، قاچىنىڭ ئاغزىنى ئاچالمايدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار (قاچىنى ياپقۇدەك نەرسە) تاپالمىسا، ‹ بسم الله › ‹بىسمىللاھ› دەپ بىر تال ياغاچنى توغرىسىغا قويۇپ قويسۇن، چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەندە چاشقان (ئۆيدىكىلەر ئۇخلاپ قالغان چاغدا ئۆچۈرۈلمىگەن چىراغنىڭ پىلىكىنى تارتىپ) ئۆينى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۇخلىغان چاغدا مەيلى ئوت بولسۇن، مەيلى چىراق بولسۇن ياكى شام بولسۇن، ئۆچۈرۈلمەي قالسا ئۆيگە ئوت كېتىشى مۇمكىن. ئاقىۋىتىدىن ساقلانغىلى بولىدىغان شارائىتتىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىش ئەۋزەل.

2) ھاشارات، پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىپ بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك قاچىلىرىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ قويۇش لازىملىقى.

3) پاسىقلارنىڭ، ئوغرىلارنىڭ ۋە كۈتۈلمىگەن خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويۇش لازىملىقى.

4) شەيتان كىشىلەر غەپلەتتە قالغاندا كىشىلەرنىڭ نەرسە كىرەكلىرىگە تېگىپ قويىدۇ ۋە زېمىندىكى باشقا جانلىقلارنى كىشىلەرگە ئازار بېرىشكە كۈشكۈرتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھەرقانداق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن ئېھتىيات بىلەن ئىش تۇتۇشى لازىملىقى.

5) نەرسە-كېرەكلەرنى ئىشلەتكەندە ياكى قويغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ