301. باب سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە ئارتۇقچە زورۇقۇشتىن چەكلەش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُتَكَلِّفِينَ﴾ ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ساد 86- ئايەت)
1655. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىشتىن مەنئى قىلىنغان. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1656. مەسرۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇدنىڭ يېنىغا كىردۇق، ئۇ: « ئى كىشىلەر! بىلگەن ئادەم بىلگىنىنى دىسۇن ۋە بىلمىگەن ئادەم زورۇقماي ئاللاھ بىلىدۇ، دېسۇن، ئۇنداق دىيىش شۇ كىشىنىڭ بىلىملىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە: ﴿قلْ ما أسأْلُكُمْ عَليْهِ مِنْ أجْرٍ وما أنا مِنَ المُتَكَلِّفِين﴾ ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن دېگىن («قۇرئان كەرىم» سۈرە ساد 86- ئايەت) ، دېدى ». ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىلمى مەسىلىلەردە زورۇقۇپ بىلەرمەنلىك قىلماسلىق، چۈنكى ئۇ ئۆزىگىمۇ ئېنىق بولمىغان بىرەر مەسىلە توغرۇلۇق سورالسا ئۇنىڭغا زورمۇزور جاۋاب بېرىپ ھەقىقەتتىن يىراق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
2) ئىلىمدە ۋە پەتىۋا بېرىشتە پەقەت ئەتراپلىق، پۇختا ئىلىمگە ئىگە بولغانلار سۆز ئېچىشقا ھەقلىقتۇر.
3) بىرقىسىم مەسىلىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىق بىلەن ئالىمنىڭ قەدرى-قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتمەيدىغانلىقى.
4) مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتە زورۇقماسلىقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.