رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

302. باب ئۆلگەن ئادەم ئۈچۈن ئۈن سېلىپ يىغلاش، يۈزىنى كاچاتلاش، ياقىسىنى يىرتىش، چېچىنى يۇلۇش ۋە چۈشۈرۈۋېتىش ۋە ئاللا-توۋا سېلىپ يىغلاشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئۆلىمالار مىيىتكە قىلىنىدىغان بۇ ئازاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان، كۆپچىلىك ئۆلىمالار: مىيىت ھايات ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە يىغا-زارە قىلىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلغان، ئۆلگەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر شۇ بويىچە ئاللا-توۋا قىلغان بولسا مىيىت قەبرىدە ئازابقا قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: مىيىت ھاياتلىقىدا ئۆلگەندىن كېيىن يىغا-زارە قىلماسلىققا ۋەسىيەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا قەبرىدە ئازاب قىلىنىدۇ، دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: مىيىتنىڭ قەۋرىدىكى ئازابى ئۇنىڭ ئۇرۇق-توققانلىرىنىڭ يىغا-زارىنى ئاڭلاپ ئىچ ئاغرىتىپ، ئازابلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ.

1657. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الميِّتُ يُعذَّبُ في قَبرِهِ بِما نِيح علَيْهِ » « مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلاش بىلەن مىيىتكە قەبرىسىدە ئازاب قىلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلاشتىن نەھيى قىلىنغان. مىيىتنىڭ ئەھلىنىڭ مىيىت ئۈچۈن يىغا-زارە قىلىشى سەۋەبلىك، مىيىتنىڭ قەبرىدە ئازابلىنىدىغانلىقى.

1658. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَيْسَ مِنَّا مَنْ ضَرَبَ الخُدُودَ، وشَقَّ الجُيُوبَ، ودَعا بِدَعْوَى الجَاهِليةِ » « كاچىتىغا ئۇرۇپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، جاھىلىيەت قوشاقلىرىنى (تۈۋرۈكۈم ئىدىڭغۇ، بالىلىرىڭنى يېتىم قىلدىڭغۇ، ئاياللىرىڭنى تۇل تاشلاپ كەتتىڭغۇ... دېگەندەك) توقۇپ يىغلىغان ئادەم بىزدىن ئەمەس » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ھەمدە ئۇ ئىشلاردىن نەھيى قىلىنغان. چۈنكى، ئۇ ئىشلار ئاللاھ تائالاغا ئاشكارا ئېتىراز بىلدۈرۈشنى ۋە ئاللاھنىڭ قازاسىغا نارازى بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

1659. ئەبۇ بۇردە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ مۇسا ئاغرىپ قېلىپ ھوشىدىن كەتتى، ئۇنىڭ بېشى ئايالىنىڭ قۇچىقىدا ئىدى. ئايالى ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئەبۇ مۇسا ھوشسىز بولغاچ ئۇنى يىغىدىن توسۇيالمىدى، ھوشىغا كەلگەندە: « رەسۇلۇللاھ ئادا-جۇدا بولغان كىشىدىن مەنمۇ چەك ئارىغايمەن، رەسۇلۇللاھ (مىيىت ئۈچۈن) ئۈن سېلىپ يىغلىغان، چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ۋە كىيىمىنى يىرتقان ئايالدىن ئادا-جۇدا ئىدى » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مىيىتنى قوشاققا قېتىپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن يىغلاش ۋە مىيىتقا قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ چاچلىرىنى چۇۋۇۋېتىش ياكى چۈشۈرۈش ۋە ياكى كىيىملىرىنى يىرتىش قاتارلىق ئىشلاردىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىشلاردىن چەك ئايرىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ ئىماننىڭ كامىللىقىغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قازا-قەدرىگە رازى بولۇشقا زىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

1660. مۇغىرە ئىبن شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مَنْ نِيحَ عَليْهِ، فَإنَّهُ يُعَذَّبُ بِمَا نِيحَ علَيْهِ يَوْم الْقِيامةِ » « قانداق بىر مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلانسا قىيامەت كۈنى ئۇ مىيىت شۇ يىغا سەۋەبى بىلەن ئازابلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتنىڭ قىيامەت كۈنى ئەھلى-ئەۋلادىنىڭ ئۇنىڭغا يىغلىغانلىق تۈپەيلىدىن ئازابلىنىدىغانلىقى ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىگە يىغلاشقا ۋەسىيەت قىلغان كىشىگە قارىتىلغان.

1661. ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھقا بەيئەت قىلغاندا رەسۇلۇللاھ بىزدىن مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىققا ئەھدە ئالغان. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلاش مۇسۇلمان كىشى يىراق بولۇشقا تېگىشلىك جاھىلىيەتنىڭ ئادەتلىرى ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايال ساھابىلەردىن مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىققا ئەھدە ئالغانلىقى.

1662. نۇئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبن رەۋاھە ھوشىدىن كەتكەندە ئۇنىڭ ھەمشىرىسى: « ۋاي! بېغىم، ۋاي! تېغىم »، د ەپ ئۈنلۈك يىغلىغىلى تۇردى. ئۇ ھوشىغا كەلگەندە: « ئى سىڭلىم، سەن نېمە دېگەن بولساڭ، ماڭا (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) سەن شۇنداقمىدىڭ؟ دېيىلىپ تۇردى »، د ېدى.

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلاشنىڭ بولۇپمۇ ئۆلگۈچىنىڭ ئۆزىدە بولمىغان سۈپەتلەرنى تىلغا ئېلىپ يىغلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكى. بۇ مىيىت ئۈچۈن ياخشى ئەمەس بولۇپ، مىيىتكە بۇنىڭ ئۈچۈن مالامەت قىلىنىدىغانلىقى.

1663. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئد ئىبن ئۇبادە ئاغرىپ قالغانىدى، رەسۇلۇللاھ ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف، سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس، ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇدلار بىلەن سەئد ئىبن ئۇبادەنى يوقلاپ كەلدى. بۇ چاغدا سەئد ھوشسىز ياتاتتى، رەسۇلۇللاھ: « أَقُضَى؟ » « جان ئۈزدىمۇ؟ » ، دېدى. ئائىلىسىدىكىلەر: « ياق، ئى رەسۇلۇللاھ » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ كۆز يېشى قىلدى. بۇنى كۆرۈپ باشقىلارمۇ كۆز يېشى قىلىشتى. رەسۇلۇللاھ: « ألاَ تَسْمعُون؟ إنَّ اللَّهُ لا يُعَذِّبُ بِدمْعِ الْعَيْنِ، ولا بِحُزْنِ الْقَلْبِ، ولَكِنْ يُعذِّبُ بِهذَا أوْ يَرْحَمُ » « ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئاللاھ كۆز يېشى قىلىش بىلەن ۋە دىلنىڭ غەمكىن بولۇشى بىلەن ئازابلىمايدۇ، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئازابلايدۇ ياكى رەھىم قىلىدۇ » ، دەپ تىلىغا ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتتى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسىبەتتە دىلىدا قايغۇرۇپ، ئۈنسىز يىغلاشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئازابمۇ قىلىنمايدىغانلىقى، ساۋابمۇ بېرىلمەيدىغانلىقى.

2) كېسەل يوقلاشنىڭ، كېسەلنىڭ ھالىنى سوراشنىڭ مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى، ساھابىلىرىگە كۆيۈنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى يوقلاپ تۇرىدىغانلىقى.

4) تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن تەلىم بېرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇلارغا مۇجمەل بولۇپ قالغان ئىشلارنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرگە تەلىم بىرىشتىكى ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتىكى گۈزەل ئۇسلۇبى بايان قىلىنغان.

1664. ئەبۇ مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « النَّائِحَةُ إذَا لَمْ تتُبْ قَبْل مَوْتِهَا تُقَامُ يوْمَ الْقِيامةِ وعَلَيْها سِرْبَالٌ مِنْ قَطِرَانٍ، ودَرْعٌ مِنْ جرَبٍ » « ئۈن سېلىپ يىغلىغۇچى ئايال تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتسە قىيامەت كۈنى كۇكىس مېيىدىن ئىشتان، چىقاندىن كۆينەك كىيگۈزۈلۈپ تۇرغۇزۇپ قويۇلىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلاشتىن مەنئى قىلىش ۋە مۇنداق قىلىقتىن تەۋبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلىغۇچىلارغا قىيامەتتە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى، ئۈن سېلىپ يىغلاپ تۆككەن ياشلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى دوزاخقا تۇترۇق بولىدىغانلىقى، يىغلاپ يىرتقان كىيىملىرىنىڭ ئۆزىگە ۋابا بولىدىغانلىقى.

1665. تابىئىنلاردىن بولغان ئۇسەيد ئىبن ئۇسەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغۇچى ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايالدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزدىن ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت ئالغاندا، مۇسىبەتتە يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىزنى، داد-پەرياد چېكىپ يىغلىماسلىقىمىزنى، ياقىلىرىمىزنى يىرتماسلىقىمىزنى، چاچلىرىمىزنى يۇلماسلىقىمىزنى بۇيرۇغانىدى » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى ئىشلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىلىقلىرى بولۇپ ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۇلاردىن ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى.

1666. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما مِنْ ميِّتٍ يَمُوتُ، فَيَقُومُ باكيهمْ، فَيَقُولُ: وَاجبلاهُ، واسَيِّداهُ أوَ نَحْو ذَلِك إلاَّ وُكِّل بِهِ مَلَكَانِ يلْهَزَانِهِ: أهَكَذَا كُنتَ؟ » « قايسى بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭغا ھازىدار بولغۇچى ۋاي تېغىمىز! ۋاي خوجىمىز! دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ يىغلىسا، مىيىتكە ئىككى پەرىشتە مۇئەككەل قىلىنىدۇكى، ئۇ پەرىشتىلەر ئۇنى: « سەن شۇنداقمىدىڭ » ، دەپ مەيدىسىنى مۇشتلاپ ئىتتىرىدۇ. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

1667. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اثْنتَانِ في النَّاسِ هُمَا بِهِمْ كُفْرٌ: الطَّعْنُ في النَّسَبِ، والنِّياحَة عَلى المَيِّتِ » « ئىككى تۈرلۈك ئىش بولۇپ، بۇلار كىمدە سادىر بولسا ئۇنىڭدىن كۇفرىلىق سادىر بولغان بولىدۇ. ئۇ ئىككى ئىش كىشىنىڭ نەسەبىگە تىل تەگكۈزۈش، مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلاشتىن ئىبارەت » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھالال نەسەپكە تىل تەگكۈزۈش، مىيىتكە ئۈن سېلىپ يىغلاش كىشىنى كۇفرىلىققا ئېلىپ بارىدىغان چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، كىشىنىڭ دوزىخىي بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى.

2) نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بىپەرۋالىق قىلىپ، ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان مۇنداق ئىككى يامان قىلىقتىن ھەزەر ئەيلەشكە ئاگاھلاندۇرغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ