رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

303. باب پال سېلىشنىڭ ۋە پال سالدۇرۇشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا

1668. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كاھىنلار توغرىسىدا سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لَيْسُوا بِشَيءٍ « ئۇلار ھېچ نەرسىنى ئۇقمايدۇ »، د ېدى. ئۇلار: « ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇلار بىزگە بەزى چاغلاردا بىرەر ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئۇ توغرا چىقىپ قالىدۇغۇ »، د ېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: « تِلْكَ الْكَلمةُ مِنَ الْحَقِّ يخْطَفُهَا الجِنِّيُّ . فَيَقُرُّهَا في أذُنِ ولِيِّهِ، فَيخْلِطُونَ معهَا مِائَةَ كِذْبَةٍ » « ھەق تەرىپىدىن بولغان ئاشۇ سۆزنى جىن ئوغرىلاپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىنىنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىتىدۇ-دە، ئۇلار ئۇنىڭغا 100يالغاننى قوشۇپ بىلجىرلايدۇ »، د ېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بۇخارىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتىدۇ: « إنَّ الملائكَةَ تَنْزِلُ في العَنانِ وهو السَّحابُ فَتَذْكُرُ الأمْرَ قُضِيَ في السَّمَاءِ، فيسْتَرِقُ الشَّيْطَانُ السَّمْع، فَيَسْمعُهُ، فَيُوحِيهِ إلى الْكُهَّانِ، فيكْذِبُونَ معَهَا مائَةَ كَذْبةٍ مِنْ عِنْدِ أنفُسِهِمْ » « پەرىشتىلەر بۇلۇتقا چۈشۈپ، ئاسماندا ھۆكۈم قىلىنغان ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىدۇ، شەيتان ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ ئۇنىڭغا 100 يالغاننى قوشۇپ كاھىنلارغا دەپ بېرىدۇ » .

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كاھىنلارنىڭ سۆزلىرى يالغان ۋە ئويدۇرما بولۇپ، ئۇلارغا چىنپۈتۈشتىن چەكلەش، ئۇلارنىڭ ئايرىم سۆزلىرى راست چىقىپ قالغان تەقدىردىمۇ، بۇ جىنلارنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالغان سۆزلىرى ئىكەنلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن جىنلارنىڭ بىرىنچى ئاسماندا بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلايدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن مۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقى، ئاسمان خەۋەرلىرىنى ئاڭلاشقا ئۇرۇنغان جىنلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىلغاندەك ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن قوغلىنىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدىغانلىقى.

1669. ئەبۇ ئۇبەيدنىڭ قىزى سەفىييە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ أتَى عَرَّافاً فَسأَلَهُ عنْ شَىْءٍ، فَصدَّقَهُ، لَمْ تُقْبلْ لَهُ صلاةٌ أرْبَعِينَ يوْماً » « كىمكى رەمبالنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى سوراپ ئۇنىڭغا ئىشەنسە ئۇنىڭ 40 كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ » ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەكچى بولۇپ، رەم سېلىشنىڭ ۋە رەمباللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ رەم سالدۇرۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى.

2) رەمباللارغا ئىشىنىشنىڭ نامازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى يوققا چىقىرىدىغانلىقى.

3) رەمباللارنىڭ سۆزىدە غەيبنى بىلىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەنلىكى، يالغان ياۋىداقلارنىڭ توقۇلمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىرتۈرلۈك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بولىدىغانلىقى.

1670. قەبىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « الْعِيَافَةُ، والطَّيرَةُ، والطَّرْقُ، مِنَ الجِبْتِ » « يەرگە بىر نەرسىلەرنى جىجاپ، غەيبدىن خەۋەر بېرىش، يامان پال ئېلىش ۋە قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن ياخشى يامان پال ئېلىش بۇتپەرەسلىكتۇر » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بۇ ئۈچ ئىش باتىل ئىشلاردىن بولۇپ، ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرى ئادەملىرى ھەپىلىشىدىغان كاھىنلىقنىڭ تۈرلىرى ئىدى. ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ بىرەر پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بىرەر زىياننى دەپئى قىلىشتا ھېچقانداق رولى يوق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ ئىنكار قىلىنغان.

2) ئۇلار بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئۇلارغا ئىشىنىشنىڭ بىرخىل گۇمراھلىق ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان. بۇ ئىشلار يالغاندىن تۆھمەت بىلەن قارىسىغا ئېيتىلغان ئەپقاچتى گەپلەر بولۇشتىن تاشقىرى يەنە غەيبنى بىلىش دەۋا قىلىنغان بولىدۇ.

3) كىشىلەر رەمباللىققا ئىشەنمەسلىكى، پال سالدۇرماسلىقى، غەيبنى ئاللاھتىن باشقا كىشىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشى، «قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بويىچە ئىش قىلىشنىڭ لازىملىقى.

1671. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « من اقْتَبَسَ عِلْماً مِنَ النُّجُومِ، اقْتَبسَ شُعْبَةً مِنَ السِّحْرِ زَادَ ما زَاد » « كىمكى يۇلتۇزغا قاراپ پال ئېلىشتىن ئىبارەت مۇنەججىملىكتىن بىر نەرسە ئۆگەنسە سېھرىگەرلىكتىن بىر شاخچە ئۆگەنگەن بولىدۇ. مۇنەججىملىكىنى قانچە ئۆگەنسە ئۇنىڭ سېھرىگەرلىكىمۇ ئېشىپ بارىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەرخىل پالچىلىق ئىشلىرىدىن ۋە پالچىغا ئىشىنىشتىن نەھيى قىلىنغان. پالچىلىقنىڭ سېھرىگەرلىككە كىرىدىغانلىقى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن تەڭ تۇرىدىغان چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى.

2) بۇ يەردە ئىلمى نۇجۇم دېگىنى ئاستىرونومىيە ئەمەس. ئىبن ئەللان نەقىل قىلىپ ئېيتىدۇ: يۇلتۇز، پىلانتلارنىڭ ئايلىنىشى، بىرلىشىش ياكى ئايرىلىشىدىن شامال چىقىدىغان ياكى يامغۇر ياغىدىغان ۋاقىتلارنى بىلەلەيمىز ھەمدە كېلەچەكتە بولىدىغان ھادىسىلەرنى بىلەلەيمىز، پلانتلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ زېمىندا بولىدىغان ئىشلارغا تەسىرى بار دەپ قاراش چەكلەنگەن. ئەمما، ئىلمى نۇجۇم، كۈننىڭ قايرىلىشى ياكى قىبلە تەرەپنى بىلىش دېگەندەك كۆز بىلەن كۆرۈپ تەجرىبە قىلىپ بىلىدىغان ئىلىملاردىن نەھيى قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئىلىمدا كۆز بىلەن كۆرگەن سايە ياكى يۇلتۇزلارغا ئاساسلىنىدۇ.

1672. مۇئاۋىيە ئىبن ھەكەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: « ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، يېڭى مۇسۇلمان بولغان ئادەممەن، ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى مەيدانغا كەلتۈردى، بىزنىڭ ئىچىمىزدە كاھىنلارغا بارىدىغانلار بار »، د ېۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « فَلا تَأْتِهِم » « سەن ئۇلارغا بارمىغىن »، د ېدى. مەن: « بىزنىڭ ئىچىمىزدە يامان پال ئالىدىغانلار بار »، د ېسەم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ذلكَ شَىْءٌ يجِدُونَه في صُدُورِهِمْ، فَلاَ يُصُدُّهُمْ » « بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولغان ئىشتۇر، بۇ ئۇلارغا بولىدىغان ئىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ » ، دېدى. مەن: « بىزنىڭ ئىچىمىزدە يەرگە جىجايدىغانلار بار »، د ېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كَانَ نبيٌّ مِنَ الأنْبِيَاءِ يَخُط ، فَمَنْ وَافَقَ خَطَّهُ، فَذاكَ » « ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بىر پەيغەمبەر يەرگە جىجايتتى، كىمكى شۇ پەيغەمبەردەك جىجايدىغان بولسا ئۇنىڭدا باك يوق (ئۇلار پەيغەمبەردەك جىجالمايدىغانلىقى ئۈچۈن جىجىمىسۇن) » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كۆڭلۈم ئېغىۋاتىدۇ، كۆڭلۈم ئۆيۈۋاتىدۇ، كۆڭلۈم تۇيۇۋاتىدۇ دېگەنگە ئوخشاش كىشىدە تاسادىپىي پەيدا بولىدىغان، ئەمما كىشى شۇ بويىچە ئەمەل قىلمايدىغان تۇيغۇلار ئۈچۈن كىشى جازاغا تارتىلمايدىغانلىقى.

2) بۇ يەردىكى ئۆلچەم شۇكى، غەيبنى بىلىشنى دەۋا قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە، ۋەقەلەرنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە، مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرىگە ئاساسەن ئىش ھادىسىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ مۇئەييەن تونۇش ھاسىل قىلىش ۋە بىلىشلەرنىڭ بۇنىڭغا كىرمەيدىغانلىقى.

1673. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىت ساتقان پۇلنى، پاھىشىدىن كەلگەن پۇلنى ۋە پالچىلىقتىن كەلگەن پۇلنى يېيىشنى مەنئى قىلدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىت ئەينى نىجىس ھايۋان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىت سېتىش ياكى سېتىۋېلىش ھارام قىلىنغانلىقى.

2) ئىت سېتىپ تاپقان پۇل، پاھىشىدىن تاپقان پۇل ۋە پالچىلىق قىلىپ تاپقان پۇل ھەممىسى ھارام بولۇپ، بۇنداق پۇلنى ئېلىشقا، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. (مەيلى پۇل بولسۇن ياكى مال بولسۇن، بۇنىڭدىن كەلگەن تاپاۋەت ھەممىسى ھارام).

3) ئىت سېتىۋېلىشنىڭ ياكى پالچىنىڭ ھەققىنى بىرىشنىڭ ھاراملىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ