304. باب شۇم پال ئېلىشتىن چەكلەش توغرىسىدا
1674. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا عَدْوَى ولا طِيَرَةَ ويُعْجِبُنى الفألُ » « ئىسلامدا كېسەل كۆچىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلىش يوق. قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن شۇملىنىش يوق، مەن ياخشى پالنى ياقتۇرىمەن »، د ېۋىدى. ساھابىلەر: « ياخشى پال دېگەن نېمە؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كَلِمةٌ طيِّبَةٌ » « ياخشى پال دېگەن ياخشى سۆزدىن ئىبارەت » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ساق كىشىنىڭ كېسەل كىشىگە ئارىلىشىشىدىن كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ دەپ قاراشتىن نەھيى قىلىنغان، چۈنكى شەيئىلەر خۇدانىڭ تەقدىرىسىز بىر-بىرىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.
2) كېسەل كىشىدىكى مىكروبنىڭ راستتىنلا ساق كىشىگە (ئىككىنچى بىر شەخىسكە) يۇقىدىغانلىقى ئىسپاتلانسا ساق كىشىلەرنىڭ كېسەللەرگە ئارىلىشىشىدىن چەكلىنىدىغانلىقى.
3) شۇم پال ئېلىشتىن نەھيى قىلغان، ھەدىستە ئېيتىلغان ياخشى پال ھەرگىزمۇ ئەسلي مەنىدىكى پالچىغا بېرىپ پال ئاچقۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خۇش خەۋەر ئاڭلاشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى بۇ يەردە دېمەكچى بولغان مەقسەت بەندىنىڭ خۇداغا قارىتا ياخشى ئويدا بولۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى ئىش ھېسابلىنىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنىڭدىن شادلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
4) شادلىق ۋە ئۈمىد بېغىشلايدىغان سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ۋە شۇخىل سۆزلەرنى ئاڭلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئەكسىچە شۇم ئېغىزلىق قىلىشنىڭ ۋە بولمىغۇر سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكى.
1675. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا عَدْوى وَلا طِيَرَةَ، وإنْ كَان الشُّؤمُ في شَىْءٍ، فَفي الدَّارِ، والمَرْأةِ وَالفَرَسِ » « كېسەل كۆچىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش يوق. يامان پال ئېلىش يوق، ئەگەر بىرەر نەرسىدە شۇملۇق بار دېيىلسە، ئۇ (يامان قوشنىلىق) ئۆيدە، (دىيانەتسىز ۋە بەد ئەخلاقلىق) ئايالدا، (خۇيى يامان) ئاتتا بولىدۇ »، د ېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1676. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يامان پال ئالمايتتى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە قۇشلاردىن پال ئېلىشتىن چەكلەنگەن ۋە ھېچقانداق قۇشلارغا قاراپ شۇم پال ئالماسلىق، ھەمدە ھەممە نەرسىدىن ئۈمىدۋار بولۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
1677. ئۇرۋەتە ئىبن ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا شۇم پال ئېلىنغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أحْسَنُهَا الْفَألُ، وَلا تَرُدُّ مُسْلِماً، فَإذا رأى أحَدُكُمْ ما يَكْرَه، فَلْيقُلْ: اللَّهُمَّ لا يَأتى بالحَسَناتِ إلاَّ أنتَ، وَلا يَدْفَعُ السَّيِّئاتِ إلاَّ أنْتَ، وَلا حوْلَ وَلا قُوَّةَ إلاَّ بك » « ياخشى ئويدا بولۇش پالنىڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. يامان پال مۇسۇلماننى قىلماقچى بولغان ئىشىدىن يالتايتقۇزمىسۇن. ئەگەر بىرىڭلار ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى كۆرسە: ئى ئاللاھ ياخشىلىقلارنى پەقەت سەنلا بېرىسەن ۋە يامانلىقلارنى پەقەت سەنلا دەپئى قىلىسەن. سېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ۋە مەدىتىڭسىز ھېچقانداق ئىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ دېسۇن »، د ېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يامانلىق ئەكېلىدىغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىش كېرەكلىكى.
2) ئادەتتە كىشىلەر يامان پال ئالىدىغان ئىشلار يۈز بەرگەندە ياكى كۆڭۈلگە بىر نەرسە كەچكەندە مەزكۇر دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.