رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

305. باب گىلەم، پالاس، ئەدىيال، تاش، كىيىم-كېچەك، تىللا، تەڭگە، ياستۇق قاتارلىقلارغا جانلىقلارنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنىڭ ھاراملىقى ۋە تامغا، تورۇسقا، پەردىگە، باش كىيىمگە، كىيىم- كېچەك قاتارلىقلارغا سۈرەت سىزىشنىڭ ھاراملىقى ۋە سىزىلغان سۈرەتلەرنى يوقىتىۋېتىشكە بۇيرۇش توغرىسىدا

1678. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ الَّذِين يَصْنَعونَ هذِهِ الصُّورَ يُعَذَّبُونَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ، يُقَالُ لهُمْ: أحْيُوا مَا خَلَقْتُمْ » « ھەقىقەتەن مۇشۇ سۈرەتنى سىزغۇچىلار قىيامەتتە ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا بارلىققا كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنى تىرىلدۈرۈڭلار، دېيىلىدۇ ». ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىش قاتتىق چەكلەنگەن ۋە ھارام قىلىنغان ئىش بولۇپ، رەسىم سىزغۇچىنىڭ قىيامەتتە ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭدىن رەسىمگە جان كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى، بۇ چاغدا رەسىمگە جان كىرگۈزۈشكە قانداقمۇ ئۇنىڭ قۇدرىتى يەتسۇن؟

2) ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ياكى كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇشتا رەسىم ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى، لېكىن رەسىمنى غايە ۋە نىشان قىلىۋالماسلىق شەرتى ئاستىدا بولۇشى. چۈنكى، زۆرۈرىيىتى بولغاندا چەكلەنگەن ئىشلار مۇباھ قىلىنىدۇ. زۆرۈرىيەت ئۆز ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچىنىدۇ. ئەگەر زۆرۈرىيەت تۇغۇلماستىن ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە كۆڭۈل خۇش قىلىش ئۈچۈن جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزسا ھارام بولىدۇ.

1679. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردىن قايتىپ كەلدى، مەن سۇپىغا سۈرەتلىك نېپىز پەردە تارتىپ قويغانىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپلا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئاندىن: « يا عَائِشَةُ أشدُّ الناسِ عَذاباً عِنْدَ اللَّه يَوْم الْقِيامةِ الَّذِينَ يُضَاهُون بخَلْقِ اللَّه » « ئى ئائىشە، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ قاتتىق ئازابىغا قالىدىغانلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىغا ئوخشىتىپ بىر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشى » ، دېدى. ئاندىن ئۇنى بىز كېسىپ بىر ياكى ئىككى ياستۇق قىلىۋالدۇق. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: رەسىم سىزىشتىن بولۇپمۇ رامكىلارغا ئېلىپ تامغا ئېسىپ قويۇش ۋە پەردە قاتارلىق نەرسىلەرگە چۈشۈرۈپ ئۇلۇغلاشتىن قاتتىق نەھيى قىلىنغان. بولۇپمۇ رەسىم-سۈرەتلەرنى قەبرىگە قويۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. چۈنكى، بۇ ئىشلار ئىنكار قىلىش زۆرۈر بولغان بىدئەت قاتارىغا كىرىدۇ.

1680. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « كُلُّ مُصَوِّرٍ في النَّارِ يُجْعَلُ لَهُ بِكُلِّ صُورَةٍ صَوَّرَهَا نَفْسٌ فَيُعَذِّبُهُ في جهَنَّم » « ھەرقانداق جاندارلارنىڭ سۈرىتىنى سىزغۇچى دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇ سىزغان ھەربىر سۈرىتى ئۈچۈن جەھەننەمدە ئايرىم-ئايرىم ئازابقا دۇچار بولىدۇ » .

ئىبن ئابباس يەنە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن دەيدۇ: « ئەگەردە بەك سىزغۇڭ كەلسە، دەل-دەرەخ ۋە باشقا جانسىز نەرسىلەرنى سىزغىن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1681. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: « مَنْ صَوَّرَ صُورة في الدُّنْيَا، كُلِّفَ أنْ يَنْفُخَ فيها الرُّوحَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَيْسَ بِنَافخٍ » « دۇنيادا جاندارلارنىڭ رەسىمىنى سىزغان ئادەمنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۆزۈڭ سىزغان رەسىمگە جان كىرگۈز دەپ ئازابلايدۇ. رەسىم سىزغۇچى ئۇنىڭغا ھەرگىز جان كىرگۈزەلمەيدۇ »، د ېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1682. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: « إنَّ أشَدَّ النَّاسِ عَذَاباً يَوْمَ الْقِيَامَةِ المُصَوِّرُونَ » « ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا قالىدىغانلار جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىملىرىنى سىزغۇچىلاردۇر » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1683. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « قَالَ اللَّه تَعَالى: ومَنْ أظْلَمُ مِمَّنْ ذهَب يَخْلُقُ كَخَلْقِى، فَلْيَخْلُقُوا ذَرَّةً أوْ لِيَخْلُقُوا حَبَّةً، أوْ لِيَخْلُقُوا شَعِيرَةً » « ئاللاھ تائالا ‹مەن ياراتقان نەرسىگە ئوخشىتىپ ياراتماقچى بولغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ قېنى ئۇلار چۈمۈلە ياكى بۇغداي ياكى ئارپا چاغلىق نەرسە يارىتىپ باقسۇنچۇ؟›، دېگەن » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1684. ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَدْخُلُ المَلائِكَةُ بَيْتاً فِيهٍِ كَلْبٌ وَلا صُورَةٌ » « پەرىشتە (يەنى رەھمەت پەرىشتىلىرى) ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1685. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەدە قىلىپ ۋاقتىدا كېلەلمەي كېچىكىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىچى سىقىلىپ سىرتقا چىقىۋىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا ئۇچراپ قالدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىكىپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق ئاغرىنىۋىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: « بىز شۈبھىسىزكى ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيمىز »، د ېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

1686. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھقا پالانى ۋاقىتتا كېلىمەن دەپ ۋاقتىدا كەلمەي قويسا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى: « مَا يُخْلِفُ اللَّه وَعَدَهُ وَلا رُسُلُهُ » « ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ »، د ېگەن ھالدا قولىدىكى ھاسىنى تاشلىدى، ئاندىن قارىسا كارۋىتىنىڭ ئاستىدا بىر ئىتنىڭ كۈچۈگى تۇرۇپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَتَى دَخَلَ هذا الْكَلْبُ؟ » « بۇ ئىت قاچان كىرىۋالدى؟»، دېدى. مەن: « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇقمايمەن »، د ېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرۇپ ئۇنى چىقارغۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كىرىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « وَعَدْتَنى، فَجَلَسْتُ لكَ ولَم تَأتِنى » « ۋەدە قىلغانىدىڭ، قاراپ ئولتۇرسام كەلمەي قويدىڭغۇ »، د ېۋىدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: « ئۆيۈڭدە ئىت بولغاچقا كىرمىدىم، بىز ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيمىز »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1687. ئەبتتەيياھ ھەييان ئىبن ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەلىي ئىبن ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا: « مەن سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇرۇن مېنى ئەۋەتكەن ئىشقا ئەۋەتەيمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ: قايسى بىر يەردە بىرەر سۈرەتنى كۆرسەڭ ئۇنى يوقاتماي قويمىغىن، بىرەر ئېگىز قەبرىنى كۆرسەڭ ئۇنى تۈزلىۋەتمەي قويمىغىن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) رەسىمنى ۋە رەسىم سىزىش چەكلەشنىڭ زۆرۈر بولغان ئىش ئىكەنلىكى. 2) قەبرە قاتۇرۇش ۋە قەبرىنى يەردىن ئېگىز قىلىش چەكلەنگەن.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ