307. باب تۆگە ۋە باشقا ھايۋانلارغا قوڭغۇراق ئېسىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە سەپەردە ئىت ۋە قوڭغۇراق ئېلىپ يۈرۈشنىڭمۇ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
307. باب تۆگە ۋە باشقا ھايۋانلارغا قوڭغۇراق ئېسىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە سەپەردە ئىت ۋە قوڭغۇراق ئېلىپ يۈرۈشنىڭمۇ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1690. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَصْحَبُ المَلائِكَةُ رُفْقَةً فيهَا كَلْبٌ أوْ جَرَسٌ » « پەرىشتىلەر ئىت ۋە قوڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1691. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الجرسُ من مزَامِير الشَّيْطَانِ » « قوڭغۇراق شەيتاننىڭ نەيلىرىدىندۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىت بېقىش ۋە ئىت ھەمراھ قىلىشتىن نەھيى قىلىنغان.
2) پەرىشتىلەرنىڭ بەرىكىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قوڭغۇراق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدىغان نەرسىلەرنى ئاسماسلىق، بولۇپمۇ سەپەردىكى ئۇلاغلارغا ئاسماسلىق، چۈنكى مۇساپىر سەپەر جەريانىدا پەرىشتىلەرنىڭ ساقلىشىغا بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ. قوڭغۇراق ئېسىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنىڭ سەۋەبى: قوڭغۇراق ئاۋازىدىن پەرىشتىلەر ئۈركۈپ كېتىدۇ، شەيتانلار بۇ ئاۋاز بىلەن كىشىلەرنى ئاسانلا ئازدۇرىدۇ.
3) مۇسۇلمان كىشى پەرىشتىلەر سۆھبىتىگە ھېرىسمەن بولۇشى ۋە پەرىشتىلەرنى قاچۇرىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشى كېرەك.