رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى
308. باب گەندە يېيىشكە ئادەتلىنىپ قالغان (بەدبۇي پۇراپ تۇرغان) تۆگىلەرگە مىنىشتىن مەنئى قىلىنغانلىقى، ئەگەر ئۇلار پاك نەرسىلەرنى يەپ گۆشى پاكلانسا ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
1692. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەندە يەيدىغان تۆگىنى مىنىشتىن مەنئى قىلغان. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىسلام دىنىنىڭ پاكىزلىق ۋە تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان نىجاسەت، پاسكىنا نەرسىلەردىن يىراق تۇرىدىغانلىقى.