309. باب مەسجىدكە تۈكۈرۈشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
1693. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « البُصَاقُ في المسْجِدِ خَطِيئَةٌ، وَكَفَّارَتُهَا دَفْنُهَا » « مەسجىدكە تۈكۈرۈش گۇناھدۇر. ئۇنىڭ كەففارىتى تۈكۈرۈكنى كۆمۈۋېتىشتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىزاھات: مەسجىد ئاستى قۇم ياكى توپا بولسا تۈكۈرۈكنى كۈمۈۋەتسە بولىدۇ. ئەبۇ ماھاسىن رۇيانى بۇ يەردىكى كۆمۈشنىڭ مەنىسى ئۇنى مەسجىدتىن چىقىرىۋېتىشتۇر. مەسجىد ئاستى تاش ياكى سۇۋالغان بولسا ئاياغ بىلەن سۈرتۈش تېخىمۇ بۇلغاشتۇر، مۇنداق قىلغانلار ئۇنى كىيىمى، قولى ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ئېيتىپ تازىلىۋېتىشى لازىم، دەيدۇ.
1694. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدنىڭ قىبلە تېمىدا ماڭقا ياكى تۈكۈرۈك ياكى بەلغەمنى كۆردى-دە، ئۇنى تازىلىۋەتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1695. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ هذِهِ المسَاجِدَ لا تَصْلُحُ لِشْىءٍ مِنْ هذا الْبوْلِ ولا القَذَرِ، إنَّمَا هِيَ لِذِكْرِ اللَّه تَعَالى، وقَراءَةِ الْقُرْآنِ » « بۇ مەسجىدلەر سۈيدۈك ۋە ناپاك نەرسىلەرنىڭ بولۇشىغا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. ھەقىقەتتە مەسجىدلەر ئاللاھنى زىكرى قىلىشقا ۋە قۇرئان ئوقۇشقىلا خاستۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ بابتىكى ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1693~1695): 1) مەسجىدكە تۈكۈرۈككە ئوخشاش پاسكىنا نەرسىلەرنى تاشلاشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ئەگەر تاشلىغان پاسكىنا نەرسە نىجاسەت بولسا تېخىمۇ ھارام بولىدىغانلىقى. مەسجىدتە پاسكىنا نەرسە تاشلىغان كىشى شۇ نەرسە مەسجىدتىن يوقالغۇچە گۇناھكار بولىدىغانلىقى، مەسجىدكە پاسكىنا نەرسە تاشلىغان كىشى ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تىلىشى ھەمدە تاشلىغان نەرسىنى دەرھال تازىلىۋېتىشى كېرەكلىكى.
2) مۇسۇلمان كىشى مەسجىدتە پاسكىنا نەرسە كۆرسە دەرھال تازىلىۋېتىشى، ئەگەر كۆرگەن نەرسىسى نىجاسەت بولسا ئۇنى يوقىتىش مەجبۇرىيەت بولىدۇ. ئەگەر كۆرگىنى نىجاسەت بولماي باشقا پاسكىنا نەرسە بولسا ئېلىۋېتىشى ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ.
3) مەسجىدنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، مەسجىدتە ئاللاھنى ئەسلەپ ئىبادەت قىلىشقا، «قۇرئان كەرىم» ئوقۇشقا، نامازلارنى ئادا قىلىشقا، دىنىي ۋە باشقا مەنپەئەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلەشكە كۆڭۈل بۆلمەك.