310. باب مەسجىدتە جېدەل-ماجىرا قىلىش، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىش، يىتكەن نەرسىنى ئىزدەش، سودا-سېتىق قىلىش، ئىجارە ئېلىش، باشقا مۇئامىلىگە ئائىت ئىشلارنى قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1696. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مِنْ سمِعَ رَجُلاً ينْشُدُ ضَالَّةً في المسْجِدِ فَلْيَقُلْ: لا رَدهَا اللَّه علَيْكَ، فإنَّ المساجدَ لَمْ تُبْنَ لهذا » « كىمكى بىراۋنىڭ يىتكەن نەرسىسىنى مەسجىدتە سۈرۈشتۈرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىسا: ‹ئاللاھ يىتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن›، دېسۇن، چۈنكى مەسجىد مۇنداق ئىشلار ئۈچۈن سېلىنغان ئەمەس » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1697. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا رأَيتم مَنْ يَبِيعُ أَو يبتَاعُ في المسجدِ، فَقُولُوا: لا أَرْبَحَ اللَّه تِجَارتَكَ، وَإِذا رأَيْتُمْ مِنْ ينْشُدُ ضَالَّةً فَقُولُوا: لا ردَّهَا اللَّه عَلَيكَ » « بىرەر كىشىنىڭ مەسجىدتە ئېلىم-بېرىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ سوداڭنى پايدىلىق قىلمىسۇن، دەڭلار ۋە بىرەر كىشىنىڭ يىتكەن نەرسىنى مەسجىدكە كېلىپ ئىزدەش بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ ئۇ نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن، دەڭلار » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1698. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى يىتكەن تۆگىنىڭ دېرىكىنى ئېلىپ، قىزىل تۆگە تېپىۋالغانلار بارمۇ؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: « لا وَجَدْتَ إِنَّمَا بُنِيَتِ المَسَاجِدُ لِمَا بُنِيَتْ لَهُ » « تاپالمىغايسەن، ھەقىقەتەن مەسجىدلەر ناماز، زىكىر، ئىلىم ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن سېلىنغان »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1699. ئەمر ئىبن شۇئەيىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدتە ئالدى-ساتتى قىلىشتىن، يىتكەن نەرسىنى ئىزدەشتىن ۋە شېئىر ئوقۇشتىن مەنئى قىلغان. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1696~1699): 1) مەسجىدتە سودا-سېتىق قىلىشتىن، يوقاپ كەتكەن نەرسىنى ئېلان قىلىشتىن، شېئىر ئوقۇشتىن ۋە شۇنىڭدەك دۇنيا ئىشلىرى توغرۇلۇق پاراڭ سېلىشتىن نەھيى قىلىنغان.
2) مەسجىدتە دۇنيا پاراڭلىرىنى قىلىش مەسجىدتىكى ناماز ئوقۇۋاتقان ياكى «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىۋاتقان ۋە ياكى ئىلىم ئۆگىنىدىغانلارغا تەسىر يەتكۈزمىگەن تەقدىردىمۇ مەسجىدتە پاراڭ سېلىش مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تەسىر يەتكۈزسە مەسجىدتە پاراڭ سېلىش ھارام بولىدۇ.
3) مەسجىدلەر دۇنيا سودىسى ئەمەس، ئاخىرەت سودىسى قىلىنىدىغان بازار، شۇڭا مەسجىدلەرنى ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتسىز ئىشلاردىن خالىي قىلىش كېرەك.
4) مەسجىدتە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئىتىگە ئالاقىدار سۆزلەرنى قىلسا جائىز بولىدىغانلىقى.
1700. سائىب ئىبن يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن مەسجىدتە ئىدىم، ماڭا بىرى شېغىل تاش ئاتتى، قارىسام ئۇمەر ئىبن خەتتاب ئىكەن. ئۇ ماڭا: « ئاۋۇ ئىككى ئادەمنى چاقىرىپ كەل »، دېدى. مەن ئۇ ئىككىسىنى چاقىرىپ كەلدىم. ئۇمەر ئۇلارغا: « سىلەر قەيەرلىك »، د ېدى. ئۇلار: « بىز تائىفتىن »، د ېدى. ئۇمەر: « ئەگەر سىلەر مەدىنىلىك بولساڭلار چوقۇم سىلەرنى ئەدەپلەپ قوياتتىم، رەسۇلۇللاھنىڭ مەسجىدىدىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلامسىلەر؟»، دېدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مەسجىدتە يۇقىرى ئاۋازدا زىكىر تەسبىھ ئېيتىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىلارنى نامىزىدىن ئازدۇرۇۋېتىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئاۋاز چىقارسا چەكلىنىدىغانلىقى.
2) مەسجىدتە باشقىلارنى بىرەر ئىشتىن ئاگاھلاندۇرماقچى ياكى بىرەر ئىشقا بۇيرۇماقچى بولسا ئاۋاز چىقارماي قول ئىشارىتى قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
3) مەسجىدتە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن، چۈنكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن تۇسۇش ئىسلامنىڭ بۈيۈك مەقسەتلىرىدىن بولۇپ، مەسجىد ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلمىغان كىشىگە پەندى نەسىھەت قىلىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
4) ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرى(مەسجىدلەر) پەقەت ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەكلىكى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فِي بُيُوتٍ أَذِنَ اللَّهُ أَن تُرْفَعَ وَيُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ يُسَبِّحُ لَهُ فِيهَا بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ. رِجَالٌ لَّا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَن ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاء الزَّكَاةِ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالْأَبْصَارُ﴾ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۇئمىنلەر) ئەتىگەن ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى سودا-سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ. ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 36~37- ئايەتلەر) .