رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

311. باب (خام) سامساق، (خام) پىياز، كۈدىلەرنى ۋە ئۇلاردىن باشقا بەدبۇي نەرسىلەرنى يەپ، ئۇلارنىڭ پۇرىقى يوقىلىشىدىن بۇرۇن زۆرۈرىــــيەت بــولـــمىـــسا مــەســـــجىدكــــە كىــرىشـــتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا

1701. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ أَكَلَ مِنْ هَذِهِ الشَّجَرَةِ يَعْني الثُّومَ فلا يقْرَبَنَّ مَسْجِدَنَا » « كىمكى مۇشۇ ئۆسۈملۈكنى (سامساقنى) يەيدىكەن، ئۇ ئادەم مەسجىدىمىزگە يولىمىسۇن ». ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1702. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ أَكَلَ مِنْ هذِهِ الشَّجَرَةِ فَلا يَقْربنَّا، وَلا يُصَلِّينَّ مَعنَا » « كىمكى مۇشۇ ئۆسۈملۈكنى (خام سامساقنى) يەيدىكەن، بىزگە يېقىن يولىمىسۇن ۋە نامازنىمۇ بىز بىلەن بىللە ئوقۇمىسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1703. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ أَكَلَ ثُوماً أَوْ بَصَلاً، فَلْيَعْتَزلْنَا، أَوْ فَلْيَعْتَزلْ مَسْجدَنَا » « كىمكى سامساقنى ياكى پىيازنى (خام) يەيدىكەن، ئۇ بىزنىڭ يېنىمىزغا ياكى مەسجىدىمىزگە يولىمىسۇن. (بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى دېيىلگەنلىكى رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ ئېسىدە قالمىغان). ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: « كىمكى سامساق، پىياز، كۈدىنى (خام) يەيدىكەن، بىزنىڭ مەسجىدىمىزگە يېقىن كەلمىسۇن، چۈنكى پەرىشتىلەرمۇ ئادەم بالىسى سەسكەنگەن نەرسىدىن سەسكىنىدۇ » ، دېيىلگەن.

1704. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بىر جۈمە كۈنى خۇتبە ئوقۇپ خۇتبىسىدە مۇنداق دېدى: « ئى جامائەت! سىلەر سامساق، پىيازدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۈسۈملۈكنى (خام) يەيسىلەر، مەن ئۇلارنى ياقتۇرمايمەن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرەر كىشىدىن ئۇ ئىككىسىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ قالسا، ئۇنى بەقىي قەبرىستانلىقىغا چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى كۆرگەنمەن، كىمكى ئۇ ئىككىسىنى يېمەكچى بولسا ئۇلارنى پىشۇرۇپ پۇرىقىنى تۈگىتىپ يېسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مەسجىدكە بارماقچى بولغان ئادەمنىڭ خام سامساق، خام پىياز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان پۇرىقى يېقىمسىز يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ پۇرىقىنى يوقاتماستىن بۇرۇن يېيىشتىن، ئىستىمال قىلىشتىن چەكلەنگەنلىكى.

2) مۇسۇلمان كىشى بىرەر سورۇن ياكى ئىبادەت ئورۇنلىرىغا بارغاندا خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى، پاكىز بولۇشى ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ئازار بەرمەسلىكى كېرەك.

3) مەسجىد تازىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن. مەسجىدگە كىرگەندە ئىش كىيىملىرىنى ئەمەس، پاكىز كىيىملەرنى كىيىشكە بۇيرۇلغان، تەر پۇرايدىغان كىيىملەرنى كىيىپ مەسجىدكە كىرىش، خام سامساق، خام پىياز يەپ مەسجىدكە كىرىشتىن مەنئى قىلىنغان.

4) تاماكا چىكىپ ئېغىزى پۇرىغانلارنىڭمۇ خام سامساق، خام پىياز يەيدىغانلارنىڭ ھۆكمىدە بولىدىغانلىقى.

5) ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا ۋە تەپرىقىچىلىق، ئىتتىپاقسىزلىقتىن يىراق بولۇشقا ئۈندەيدىغانلىقى.

6) ئىش ئىگىلىرىنىڭ (مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ) مەسجىد باشقۇرۇشى، مەسجىد تازىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كىشىلەرنى مۇشۇنداق قىلىشقا يۈزلەندۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ