رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

312. باب جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقان چاغدا، ئىككى تىزنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا

چۈنكى، بۇنداق ئولتۇرغاندا كىشى مۈگدەپ خۇتبىنى ياخشى ئاڭلىيالماسلىقى ۋە تاھارىتى سۇنۇشى مۇمكىن.

1705. مۇئاز ئىبن ئەنەس جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقان چاغدا ئىككى تىزنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇشتىن مەنئى قىلغان. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) خۇتبە ئارىسدا ئىككى تىزنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇنداق ئولتۇرۇش مۈگدەشكە سەۋەب بولۇپ خۇتبىنى ئاڭلاشقا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە ياكى تاھارەتنىڭ سۇنىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى.

2) مۇسۇلمان كىشىنىڭ خۇتبە مەزمۇنىدىن پايدىلىنىش ۋە ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جۈمە كۈنى خۇتبىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدىغان ھالەتتە ئولتۇرۇشى كېرەكلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ